تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

2021-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالتە دوختۇرخانا DRG ھەق تۆلەشنى قانات يايدۇرىدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ): 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن»دىن ئىگىلىشىچە، DRG ھەق تۆلەشنى دۆلەت بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 30 شەھەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2021-يىلى ئۈرۈمچى ھەق تۆلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، DRG ھەق تۆلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن. 2021-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالتە دوختۇرخانا تەقلىدىي يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملاپ، ئەمەلىي ھەق تۆلەشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

   DRG ھەق تۆلەش دېگىنىمىز، كىلىنىكىلىق داۋالىشى ئوخشىشىپ كېتىش، داۋالاش بايلىقى سەرپىياتى ئوخشىشىپ كېتىش پىرىنسىپى بويىچە كېسەلخانىدا ياتقان ئاغرىقلارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە ئاغرىقلار ئوخشاش كېسەل گۇرۇپپىسى ئوخشاش ھەق تۆلەش پىرىنسىپى بويىچە، دوختۇرخانىغا داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەيدىغان ھەق تۆلەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنئەنىۋى ھەق تۆلەش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ھالدا DRG ھەق تۆلەش ئۇسۇلى ئالىدىغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ چىقىمىنى باشقۇرۇش تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ ۋە چىڭىتىلىدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې شىنگونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ھازىر بار بولغان يەككە كېسەل تۈرى، كۈندۈزدىكى ئوپېراتسىيە، كارىۋاتقا قاراپ كۈندىلىك ھەق تۆلەش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك مۇرەككەپ شەكىلدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئاساسىدا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، DRG كېسەل دىياگنوزى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ھەق تۆلەشنى قانات يايدۇرغان ھەمدە دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن DRG كېسەل دىياگنوزى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ھەق تۆلەشنى دۆلەت بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتىلگەن.

   2021-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى رايونىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئالتە دوختۇرخانا تەقلىدىي يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملاپ، ئەمەلىي ھەق تۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇپ، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغان ئاغرىقلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، DRG ھەق تۆلەشنى ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە رايونىدا ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   خې شىنگونىڭ ئېيتىشىچە، داۋالىنىش كاپالىتى ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق يولى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تۆۋەن چەكنى ساقلاش، زىچ تور توقۇش، مېخانىزم ئورنىتىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر-يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئېنىق، كاپالەت مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلغان. 2021-يىلى، DRG ھەق تۆلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەنگەندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتنى كۈچەپ چىڭ تۇتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى