تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەپتەر بېيىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى

  1-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىر باغراش ناھىيەسى چاغاننۇر يېزىسى چاغاننۇر كەنتىدىكى ۋۇ ياچياڭنىڭ كەپتەر بېقىش مەيدانىغا كىرگەندە، ئۇ گۆش كەپتىرىگە يەم بېرىۋاتاتتى، قاتار كەتكەن رەتلىك تىزىلغان كەپتەر قەپىزىدە، ئاق رەڭ، كۈل رەڭ، قوڭۇر رەڭلىك گۆش كەپتەرلىرى بەس-بەستە يەم يەۋاتاتتى.

  ۋۇ ياچياڭ كىچىكىدىن باشلاپلا كەپتەر بېقىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئەڭ دەسلەپتە ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈنلا كەپتەر باققانىدى. 2019-يىلى، كەنت دېھقانلارنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى، بۇ چاغدا گۆش كەپتىرىنىڭ بازار ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئۇ بۇ سودا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تەرەپتىن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن قول سېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كەپتەر كاتىكى سالدى.

  «مەن باققان كولۇمبا كەپتىرىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك، ئىسسىققا، سوغۇققا چىداملىق، گۆشىنىڭ سۈپىتى ياخشى، بىر جۈپ كەپتەر بىر يىلدا تەخمىنەن 18 دانە ئەتراپىدا كەپتەر كۆپەيتەلەيدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 كۈن ئەتراپىدىلا ساتقىلى بولىدۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى سورتلارنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى ۋۇ ياچياڭ.

  چاغاننۇر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لو داچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ۋۇ ياچياڭ كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىغا ئىنتايىن پىششىق، لېكىن ئۇنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك. ئۇنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى ھەم ئورۇن بىلەن تەمىنلەپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپلا قالماي، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەپتەر باقمىچىلىق كەسپىگە قاتنىشىپ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى.

  ۋۇ ياچياڭنىڭ كەپتەر بېقىش مەيدانى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. ھازىر چاغاننۇر يېزىسىدىكى ئىككى ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ۋۇ ياچياڭ بىلەن باقمىچىلىق توختامى ئىمزالىدى، باقمىچىلىق كۆلىمىنى 100دىن ئاشۇرۇش ئارزۇسى بار ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان كەنت ئاھالىسىدىنلا 38ى بار.

  كەپتەر باقمچىلىق مەيدانى دەسلەپكى 100جۈپ كەپتەردىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ۋۇ ياچياڭ 10 رەت ئۈچ قەۋەتلىك كەپتەر باقمىچىلىق مەيدانى قۇردى، ئۇنىڭ كەپتەرلىرى 8000 جۈپتىن ئاشتى، گۆش كەپتىرى سېتىشنى ئاساس، كەپتەر تۇخۇمى سېتىشنى قوشۇمچە قىلدى، ئۇنىڭ كەپتەر فېرمىسىدىكى كەپتەرلەر ھەر كۈنى تۇخۇم تۇغىدۇ، باجكىلارمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش توختىماي تەكرارلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يىللىق ساپ كىرىمىلا 300 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

  «كېيىنكى قەدەمدە، مەن كۆلەمنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا 10 مىڭ جۈپ نەسىللىك كەپتەرگە تەرەققىي قىلىپ، كەپتەر بېقىش ئارزۇسى بار كەنت ئاھالىلىرىگە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، باقمىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، كەپتەر بېقىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىللە بېيىيمەن» كەلگۈسى توغرىسىدا توختالغاندا، ۋۇ ياچياڭ ئۈمىدكە تولاتتى. (مۇخبىرلار پېڭ شۇيۈ، ناۋ يۇڭجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر بادۇمۇ سەيسىكې)

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى