
تاڭ سەھەردىكى يايلاق مەنزىرىسى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى ياڭ شياۋچيەن فوتوسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: قىش كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسى نەنسەن يايلىقىنى قار-مۇز قاپلاپ، كۈمۈش لىباس بىلەن ئورالدى. سەھەردە، قۇياشنىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تاڭ شەپىقى جىمجىت يايلاقنى قىپقىزىل تۈسكە كىرگۈزدى، قارلىق تاغلار ئالتۇندەك يالتىراپ، قەھرىتان قىش پەسلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى يايلاقتا ئاستا-ئاستا نامايان بولدى.





