تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قىشتا، ھوردا پىشۇرۇلغان مېۋە-چېۋىلەر بالىلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى: قىش كۈنلىرى ھاۋا سوغۇق، قۇرغاق بولغاچقا، نۇرغۇن بالىلاردا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، يۆتىلىش، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بالىلارغا دائىم تۆۋەندىكى ئۈچ خىل «دۈملەپ پىشۇرۇلغان مېۋە»نى بەرگەندە، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېسەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

دۈملەنگەن ئالما. ئالما بوتقىسىدا ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، بالىلارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەندە، ئازراق ھوردا پىشۇرۇلغان ئالما يەپ بەرسە، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار تولۇقلىنىپ، بەدەن كۈچلىنىدۇ. بەزىدە بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا دۈملەنگەن ئالما بوتقىسى يېسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچەينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. ئالما بوتقىسىنى ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن بۇرۇن ياكى تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت ئىچىدە ئىستېمال قىلىش كېرەك، تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلغاندا ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلغاندا ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

دۈملەنگەن نەشپۈت. بالا زۇكامداپ يۆتىلىپ قالسا، بالىغا ھوردا پىشۇرۇلغان نەشپۈت يېگۈزسە بولىدۇ. نەشپۈت تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يىرىك تالا، ۋىتامىن، ئاقسىل ۋە قەنت ماددىسى بار، سۇ تەركىبى يېتەرلىك بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ. نەشپۈت سوغۇققا مايىل بولۇپ، بوۋاقلار خام يېسە، ئاشقازان-ئۈچىيىنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. دۈملەنگەن نەشپۈت ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەلنى توختىتىپلا قالماي، يەنە قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. نەشپۈت بوتقىسى ياساش ناھايىتى ئاددىي: ئالدى بىلەن نەشپۈتنى ئۇششاق توغراپ، ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا سېلىپ ئېزىپ، ئاندىن نەشپۈت بوتقىسىنى قازانغا سېلىپ قىزىتىمىز، ئازراق ناۋات ۋە چۇەنبېي قوشساق ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

دۈملەنگەن ئاپېلسىن. نۇرغۇن بالىلار سوغۇق ئۆتۈپ قالسا، ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن توختىماي يۆتىلىدۇ، بۇ چاغدا ھوردا پىشۇرۇلغان ئاپېلسىن يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاپېلسىن پوستى تەركىبىدىكى ئاپېلسىن مېيى يۆتەل توختىتىش دورىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، ئاپېلسىننىڭمۇ ئۆپكىنى سىلىقلاپ يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى