تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شىمىگۇ دەرياسى بويىغا 18 كىلومېتىرلىق ھالقىسىمان ئاستا يۈرۈش يولى ياسىلىدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ): بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ دەرياسى بويىدا ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى چوڭ بولدى، دەريا سۈيى سۈزۈكلىشىپ، دەرەخلەر كۆپىيىپ، مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەللەشتى، بۇ شىمىگۇ دەرياسى ۋادىسىنى تۈزەشنىڭ پايدىسىدىن بولدى. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن»دىن ئىگىلىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، شىمىگۇ دەرياسى بويىغا 18 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ھالقىسىمان ئاستا يۈرۈش يولى ياسىلىدىكەن ھەمدە يېمەك-ئىچمەك ۋە مال سېتىۋېلىش كوچىسى بەرپا قىلىنىدىكەن.

   شىمىگۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رايون باشلىقى جاڭ خاۋمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىمىگۇ رايونى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، <ئۈچ چوڭ ئىش>نى چىڭ تۇتۇپ، <ئالتە مەركىزىي شەھەر> قۇرۇش» خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، «تاغقا دەرەخ تىكىش، سۇنى شەھەرگە باشلاش، كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش، يەرنى يېشىللاشتۇرۇش، ئاسماننى سۈزۈكلەشتۈرۈش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىي 470 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «كۆچۈرۈش، قوشۇش، ئۆزگەرتىش، باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە شىمىگۇ دەرياسى بويى مەنزىرە بەلبېغىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلغان.

   بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، شىمىگۇ دەرياسى ۋادىسى (شىمىگۇ بۆلىكى)دا «بىر دەريا، بەش رايون، 24 مەنزىرە» مەنزىرىسى شەكىللىنىپ، كەسمە يۈزىنىڭ سۇ سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى، نۆۋەتتە Ⅲ دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتتى، بۈگۈنكى كۈندە شىمىگۇ دەرياسىدا ئوت-چۆپلەر يېشىل، گۈللەر قىزىل، دەريا سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان، بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرىدىغان، قۇشلار ئويناپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان ھالەت شەكىللەندى.

   جاڭ خاۋمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە شىمىگۇ رايونى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىمىگۇ دەرياسى سۈيىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇھىت سۈپىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشىلاپ، دەريانى باشقۇرۇش، قوغداش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شىمىگۇ دەرياسى مەنزىرىسىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، 18 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ھالقىسىمان ئاستا يۈرۈش يولى ياساپ، ئەتراپتىكى ئەلا سۈپەتلىك ئۆي-زېمىنغا تايىنىپ، يېمەك-ئىچمەك ۋە مال سېتىۋېلىش كوچىسى بەرپا قىلىدىكەن. ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى ئارام ئالىدىغان، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى