تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ساقچى تەرەپ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن شەرقىي يولىدىكى تىيانشان 255 خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى ئالدىدا، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر خەلق ساقچىلىرىدىن ھال سوراپ، سوغۇقتىن ساقلىنىش ۋە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ كەلدى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى. شىنجاڭ ساقچى تەرەپ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ساقچىلارنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئاممىسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى كۈچەيتتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىمىگۇ رايونلۇق چوڭ ئەترىتى نەنخۇ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خۇ لۇڭنى ئايالى بىلەن قىزى كۆرگىلى كەلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىن كەلگەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى شىنجاڭ ساقچى تارىخىي سارىيىدا ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى «ياخشىمۇسىز، ساقچىلار بايرىمى» تېمىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دېڭ لېي فوتوسى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمگەك كوچىسى ئېغىزىدا، شىمىگۇ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى نەنخۇ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خۇ لۇڭ تاماق يەتكۈزگۈچىنىڭ قالپىقىنى ئوڭشىماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دېڭ لېي فوتوسى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن شەرقىي يولىدىكى تىيانشان 255 خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى ئالدىدا، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر خەلق ساقچىلىرىدىن ھال سورىدى ھەمدە ھۆرمەت بىلدۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن شەرقىي يولىدىكى تىيانشان 255 خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى ئالدىدا، تەۋەلىكتىكى كىچىك دوست ليۇ شىڭ ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى جاڭ پېڭغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

  

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن شەرقىي يولىدىكى تىيانشان 255 خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى ئالدىدا، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر خەلق ساقچىلىرىدىن ھال سورىدى، كىچىك دوست فەن پېيلىن ساقچى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇڭ شۇخەيگە سوۋغا قىلغان پەلەينى كىيگۈزۈپ قويماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى
1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمگەك كوچىسى ئېغىزىدا، شىمىگۇ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى نەنخۇ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خۇ لۇڭ سوغۇقتا ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ ساقچى تارىخىي سارىيىدا، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىن كەلگەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى شىنجاڭ ساقچى تارىخىي سارىيى ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ بىر قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىلىنىڭ مەيدىسىگە ھەرخىل ئوردېن ئېسىلغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى
1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىمىگۇ رايونلۇق چوڭ ئەترىتى نەنخۇ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خۇ لۇڭ ئەمگەك كوچىسى ئېغىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى
كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەت. يۇقىرىقى سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قانات يايدۇرغان «ياخشىمۇسىز، ساقچىلار بايرىمى» تېمىسىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، شىمىگۇ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى نەنخۇ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خۇ لۇڭنىڭ قىزى (سولدا) بايراملىق بەخت تىلىمەكتە. تۆۋەنكى سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىمىگۇ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى نەنخۇ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى خۇ لۇڭ قىزىنىڭ بايراملىق سوۋغىسىنى قوبۇل قىلماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دېڭ لېي فوتوسى
1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمىنى تەبرىكلەش نەق مەيدانىدا، خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا ئېلىپ كىرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى