تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەپ يەتكۈزۈلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى −

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەپ يەتكۈزۈلدى

«خەلق گېزىتى» مۇخبىرى جياڭ جيې

«ئىلگىرى قىش كەلگەندە، ئېتىزدا قىلىدىغان ئىش بولمىغاچقا، ئۆيدە بىكار ئولتۇراتتىم. بۇ يىل قىشتا، مەن ئىشىكىمىز ئالدىدىكى زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلىدىم، پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم، ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى»دېدى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىدىكى يېنىك سانائەت باغچە رايونىنىڭ يىغىپ قاچىلاش خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، يىغىپ قاچىلاش سولياۋ خالتىسى تىكىۋاتقان مارىگۈل ھاپىز. مارىگۈل توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق بازىرى يېڭىئاۋات كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. يېقىنقى بىر ئايدا، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىۋېتىپ، ئاندىن زاۋۇت سېخىغا بېرىپ ئىشلىدى، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى بىردىنلا خېلى كۆپەيدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شەھەر، يېزا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەم چېگرادا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مايىللىشىش - قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئالاھىدە سىياسىتىنى چىقاردى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ نۇقتىلىق قوللاپ، مەبلەغ، تۈر، سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردە مايىللىشىش - قوللاش سالمىقىنى زورايتتى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قىلغان يۆتكىمە چىقىم 263 مىليارد 690 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 422 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.4 كۆپەيدى، ئالتە يىلدا شىنجاڭغا جەمئىي 2 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك مەدەت بەردى، بۇ مەبلەغنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇلدى. 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلغانلىقىنى، جەمئىي 3 مىليون 89 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى، 3666 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، 32 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بايلىقلار مول توپلانغان بولۇپ، تەرەققىيات ئاساسىنى ھازىرلىغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش ئالاھىدە سىياسىتىنى چىقىرىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى كۆپەيتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى قىلدى، پۈتۈن شىنجاڭدا شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلىغا ئوتتۇرىچە 450 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يىلىغا ئوتتۇرىچە 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

− شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان قوللاش سىياسىتى چىقىرىلدى. شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى تولۇق ئويلىشىلىپ، «شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» بېسىپ تارقىتىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىندى، مەركەز مالىيەسى ھەر يىلى 2 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇردى ھەم قوشۇلما قىممەت بېجىنى قايتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، توشۇش ھەققى ياردەم تولۇقلىمىسى، توك باھاسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. 2019 - يىلى، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش مۇددىتى 2023 - يىلىغىچە ئۇزارتىلدى ھەم ئېتىبار بېرىش دائىرىسى باشقا ئالاقىدار ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرگىچە كېڭەيتىلدى.

− ساياھەتچىلىك كەسپى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 49 مىليون ئادەم قېتىمدىن 213 مىليون ئادەم قېتىمغا كۆپەيدى، ساياھەت كىرىمى 65 مىليارد يۈەندىن 363 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى.

− پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قەرز پۇل قالدۇقى 112 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 58 مىليارد يۈەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كىرېدىت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەندى، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇقى 755 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولدى.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسى پۇختىلاندى

شىنجاڭنىڭ كۆلىمى چوڭ، يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. مەركەز شىنجاڭنىڭ قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى.

− شىنجاڭنىڭ قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى. «باي بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يول ياساش كېرەك.» 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ رايونىنىڭ تۆمۈريول تىجارەت ئومۇمىي مۇساپىسى 6900 كىلومېتىرغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى تۆمۈريول ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى. يەكەن ئايرودۇرۇمى قاتارلىق ئۈچ ئايرودۇرۇم يېڭىدىن قۇرۇلۇپ قاتناش باشلاندى، شىنجاڭ رايونىدىكى پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ سانى 2014 - يىلىدىكى 16دىن 21گە كۆپىيىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ئايرودۇرۇم تورى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

− شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى. مەركەزنىڭ سۇچىلىق سېلىنمىسىدىن جەمئىي 77 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ 16 تۈرلۈك قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ 172 تۈرلۈك سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، نۆۋەتتە ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، قۇرۇلۇش باشلاش سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. چوڭتاش سۇچىلىق تۈگۈنى، يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق تاغلىق رايونلاردىكى تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇ ئامبارلىرىدا قۇرۇلۇش باشلاندى. ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يەكەن دەرياسىدىكى سۇ ئاپىتى خەۋپى ھەل قىلىنىپ، دەريا بويىدىكى 2 مىليون 400 مىڭ پۇقرا نەپكە ئېرىشتى.

− شىنجاڭنىڭ توك تەقسىملەش تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلدى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 640 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشى فوندى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىلدى، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەز خامچوتى ئىچىدە 23 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىغا پائال مەدەت بېرىلدى، 338 مىڭ ئائىلە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىدىغان بولدى؛ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىلمىي، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمى 37 مىليون 530 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، توك چىقىرىش گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمىنىڭ %38.7ىنى ئىگىلىدى.

ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش ئۆلچەم قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئۆلچەم قىلىپ، سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

− مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى. 2019 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ خىراجىتى 86 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014 - يىلىدىكىدىن %50.37 ئاشتى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. مەركەز ئالاھىدە ئىش ئورنى ۋە ئاپتونوم رايون ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى يولغا قويۇلۇپ، كادىرلار مائارىپقا ياردەم بېرىش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش، «پېشقەدەملەر مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى» قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى، 2014 - يىلىدىن بۇيان شىنجاڭغا جەمئىي 56 مىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلاندى. 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار ئۈچ يىللىق مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %97.51كە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.97كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.78كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.82كە، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %46.79كە يەتتى، بۇ، 2014 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %25.09، %0.16، %1.41، %14.87، %15.72 يۇقىرى بولدى.

− شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا 1 مىليون 690 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي پۈتۈپ، شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا 1 مىليون 560 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي پۈتۈپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. يېزىلاردا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ھەمدە مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلىپ، 4 مىليون 620 مىڭ 900 دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى مۇۋاپىق ھەل قىلىندى.

− داۋالاش، سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمىتى كۈچەيتىلدى. شەھەر - يېزىلارنى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى بىلەن قاپلاش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېزا - بازار شىپاخانىلىرى ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى %100كە يەتتى. ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ كىشى بېشى ئۆلچىمى 2014 - يىلىدىكى 35 يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 69 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇپ راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

− شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك، گاز جەھەتتىكى ئىسلاھات قانات يايدۇرۇلدى. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توكنىڭ باھاسى ھەر كىلوۋات سائىتى 0.39 يۈەن قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى، تەبىئىي گازنىڭ باش پونكىت باھاسى ھەر كۇب مېتىرى 1.04 يۈەن قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2485 كىلومېتىر كېلىدىغان، تارىم ئويمانلىقىنى بويلاپ ئېلىپ بېرىلغان جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق گاز بىلەن تەمىنلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نەچچە مىليون ئاممىنىڭ مۇقىم گاز ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قىلدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە ھەر تەرەپلىمە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن جەمئىي 96 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇقى يولغا قويۇلدى.

ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەندە 6 - قېتىملىق، 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، داۋالاش، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2014 - يىلىدىن بۇيان، تۈرلۈك كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن جەمئىي 8965 كىشى تاللاپ ئەۋەتىلگەن، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلاردىن تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم قېتىم يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈلگەن.

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچەيتىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىن كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنىڭ نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى 1 تىرىليون 684 مىليارد يۈەن بولدى. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا سالغان مەبلىغى 700 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، ئۈستىگە ئالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تاماملانغان توختام سوممىسى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، يەرلىكتىكى 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!
  • باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى
  • ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش