شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شىنليەن گۈل-گىياھ بازىرىدىن پېچىنە-پىرەنىك تاللاپ سېتىۋالماقتا. يېقىندا، ئۈرۈمچى شىنليەن گۈل-گىياھ بازىرى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرى دېڭساۋگوۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ياسىغان سېرىق ماي، سۈرلەنگەن ئات گۆشى، قۇرۇت قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملارنى سېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.
جاڭ شيۇكې فوتوسى