تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدا ئىككى مۇستەقىل شۆيۈەن تولۇق كۇرس مەكتىپىگە ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋىرى): يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە، مەملىكەت بويىچە 33 مۇستەقىل شۆيۈەننىڭ مۇستەقىل تەسىس قىلىنغان تولۇق كۇرس مەكتىپىگە ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىشقا قوشۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى خوۋبو شۆيۈەنى شىنجاڭ 2-تېببىي شۆيۈەنى، شىخەنزە داشۆسى پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى شىنجاڭ سىياسىي-قانۇن شۆيۈەنى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىندى.

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى خوۋبو شۆيۈەنى پۇقرالار قۇرغان، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدىغان تولۇق كۇرس مەكتىپى بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەكتەپ باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ قۇرۇلغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى مۇستەقىل شۆيۈەن. نۆۋەتتە، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا، ئېغىز بوشلۇقى تېبابىتى، دورىگەرلىك قاتارلىق 11 كەسىپ تەسىس قىلىنغان؛ شىخەنزە داشۆسى پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى ۋۇجياچۈ شەھىرىگە جايلاشقان، مەكتەپ ياتاق كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، شىخەنزە داشۆسى جەمئىيەت كۈچىنى جەلپ قىلىپ، يېڭى باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئۇنىۋېرسال شۆيۈەن ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!
  • باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى
  • ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش