تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ، يېڭى يىلدا پايدا ئايرىش

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى مىڭشېڭ، چۈ يىڭ خەۋىرى): يېقىندا، بىر مەيدان پايدا تەقسىملەش مۇراسىمى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسى قارا بۇرا يېزىسى قارا چۇقا كەنتىدىكى جىنتۇدى تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى 30 نەچچە ئەزانىڭ كۈلكە ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

جىنتۇدى تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2018-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى پۈتۈن كەنتتىكى 5100 مو يەرنى بىرتۇتاش پەرۋىش قىلدى. بىر نەچچە يىل تىجارەت قىلىش ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆلەملىك تېرىقچىلىق ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، تېرىقچىلىق تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، نۇرغۇن ئادەم كۈچىنى تېجەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

2020-يىلى، قارا چۇقا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ماۋ تۇڭجۈن ئۆزىنىڭ 30 مو يېرىنى كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىغا ئوبوروت قىلدى.

«بۇ يىل كوپىراتىپقا كىرىپ پايدا تەقسىملىگەندە، 11 مىڭ يۈەن پايدا ئالدىم، بوش ۋاقىتلىرىمدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، 2020-يىلى 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. ياش ۋاقتىمدا كۆپرەك كۈرەش قىلسام، كېيىنكى كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى ماۋ تۇڭجۈن.

كەنت ئاھالىسى خاۋ پەنشېڭ 42 مو يەرگە پاي قوشتى، ئىلگىرى ئۇنىڭ يېرى بىر قەدەر تارقاق بولۇپ، تېرىغان زىرائەت سورتى يەككە، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشقاندىن كېيىن، ھەر مو يەردىن 200 يۈەنگە يېقىن كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش ئەزاسى گې يۈ مۇنداق دېدى: «2020-يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئەزالارغا 450 مىڭ يۈەن پايدا ئايرىپ بەردى، كۆپچىلىكنىڭ خۇشال-خۇرام پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىزمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىر خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پايدا ۋە نەپكە ئېرىشتۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى