تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يەنە بىر ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى مەملىكەت بويىچە تىپىك مىسال تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

شىنجاڭدا يەنە بىر ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى مەملىكەت بويىچە تىپىك مىسال تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، پۈتۈن شىنجاڭدا ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى 110 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن خەۋىرى): يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى 2-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن 50 تىپىك مىسال تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى جياڭنەن باغ-ئورمان ئۆستۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانى تىزىملىكتە ئورۇن ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى يەرنى مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتتى، ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن مەملىكەت بويىچە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىرى 110 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

  ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ئائىلە ئەزالىرىنى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى قىلغان، ئائىلە باشقۇرۇشنى ئاساسلىق باشقۇرۇش بىرلىكى قىلغان، يېزا ئىگىلىكىدە كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق باشقۇرۇش شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندىلا تاللانغان شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى جياڭنەن باغ-ئورمانچىلىق ئۆستۈرۈش ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى يۇقارقى سات كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 56 كىلومېتىر، باشقۇرىدىغان يەر كۆلىمى 1115 مو (740 مو ئەسلىدە بار بولغان يەر، 375 مو ئوبوروت قىلىنغان يەر) بولۇپ، 400 مو چىلان، 340 مو ئالما، 375 مو كۆچەت ئۆستۈرۈلگەن، ئاساسلىقى چىلان، ئالما ۋە مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى ئۆستۈرۈش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!
  • باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى
  • ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش