تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قان قەنتى يۇقىرى بولغانلار يۇۋزىنى ئالدىن تاللاپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ

  ھازىر دەل يۇۋزىنىڭ كۆپ مىقداردا بازارغا سېلىنىۋاتقان مەزگىلى، ساغلام كىشىلەردىن باشقا، بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن قان قەنتىنى كونترول قىلىدىغان كىشىلەر مېۋە-چېۋە يېگەندە يۇۋزىنى ئالدىن تاللىسا بولىدۇ.

    يۇۋزىنىڭ سۇ مىقدارى يۇقىرى، ئېنېرگىيەسى تۆۋەن، ھەتتا باناننىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ، سېمىز ئورۇقلاشنى ئويلىغان كىشىلەر توپىنىڭ يېيىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. قان قەنتى كۆرسەتكۈچى (GI) پەقەت 25، قان قەنتى كۆرسەتكۈچى تۆۋەن مېۋە-چېۋىگە تەۋە.

    «جۇڭگو ئاھالىلەر يېمەكلىك قوللانمىسى (2016)» دا مۇنداق تەكلىپ بېرىلگەن، قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە 350~200 گىرام مېۋە-چېۋە يېسە بولىدۇ، ئەگەر يۇقارقى ئۆلچەم بويىچە 350 گىرام يۇۋزى يېگەندە، قان قەنتى يۈكى (قان قەنتى كۆرسەتكۈچى × قوبۇل قىلىنغان پايدىلىنىدىغان كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ مىقدارى / 100، يېمەكلىكنىڭ قان قەنتىگە بولغان تەسىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرىدۇ) پەقەت 7.3، قان قەنتىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن كىچىك، تاماقتىن كېيىن يېگەندىمۇ قان قەنتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭدىن باشقا، يۇۋزىنىڭ ۋىتامىن C تەركىبى 23 مىللىگىرام /100 گىرام، لىمون بىلەن (22 مىللىگىرام/100 گىرام) پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. لېكىن لىموننىڭ كىسلاتالىقى كۈچلۈك، شۇڭا يۇۋزىنى يېگەندەك چوڭ-چوڭ چىشلەپ يېگىلى بولمايدۇ، كۈنىگە 350 گىرام يېسە بولىدۇ، بۇنىڭدىن 80.5 مىللىگىرام ۋىتامىن C غا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ۋىتامىن C تولۇقلاشتا بىرقەدەر ياخشى مېۋە ھېسابلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، شىيۇۋنىڭ تەركىبىدىكى فۇران كوئۇمارىن نۇرغۇن دورىنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، شياۋبېن دىپىڭ، ئەنلۈ دىپىڭ، لاشى دىپىڭ قاتارلىق قان بېسىم چۈشۈرۈش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرالايدۇ، بۇنىڭدىن قان بېسىم تۆۋەنلەپ، يېنىك بولغاندا باش قېيىش، ھودۇقۇش، ماغدۇرسىزلىنىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا، تاتىڭ تۈرىدىكى ماي تەڭشەش دورىسى، مەيۈسلىككە قارشى تۇرۇش دورىسى قاتارلىق دورىلارنىڭ رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بۇ دورىلارنى ئىچىۋاتقان بولسىڭىز، شىيۇۋنى يېمەڭ.

    ئوخشاش چوڭلۇقتىكى يۇۋزىنى كۆتۈرگەندە ئېغىر بىلىنسە، پوستى نېپىز، گۆشى توقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سىرتقى پوستى سىلىق بولغانلىرى يېڭى كېلىدۇ، سۇسىزلانغانلىرىنىڭ تېرىسى پۈرۈم-پۈرۈم كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر تېرىسى سىلىق بولماي، ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولسا، ماي بېزى بىرقەدەر تەرەققى قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق يۇۋزى تەمسىز كېلىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى