تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!

  ئانار بۇلۇت: تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى چۆللۈكتە ئاپتاپقا سېلىنغان قىزىل لازىلار، قىشتىكى شىنجاڭنىڭ چۆل-باياۋانلىرىدىكى گۈزەل بىر پارچە يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلدى.

  خوتەن ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىغا قوشنا، تەۋەككۈل يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، سۇ ئىنتايىن كەمچىل، تۇپراقنىڭ شورلىشىشى ئېغىر بولغاچقا، ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى يەككە، تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، ناچار تەبىئىي شارائىت پۈتۈن يېزىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ پىگمېنتلىق لازا تېرىغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئاندىن ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەردى.

  لازا يىغىۋالىدىغان چاغدا، كەنتتىكى ياشلار پىششىقلاش زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشچى بولدى، پىششىقلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، توخۇ فېرمىسىغا بېرىپ باقمىچى بولدى، بۇنداق بولغاندا، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە كىرىم قىلالايتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۆسۈپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى.

  خوتەن ناھىيەسىنىڭ پىگمېنتلىق لازا كەسپى ئۈچ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى يۇقىرى، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرۈنەرلىك، تەسىر دائىرىسى كەڭ، كەسىپ تەرەققىياتى ئايلانما بولغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماس ئالغا سىلجىتىلىدىغان «بەشتە ياخشى كەسىپ»كە ئايلاندى.

  پىگمېنتلىق لازا تېرىش پۈتۈن يېزىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پىششىقلانغاندىن كېيىنكى لازا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى، ھەتتا چەت ئەللەردە بازار ئېچىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە سېتىلدى.

مەنبە: خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، تۇ جيې، روزىمەمەت نۇرئىمىن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى