شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، بېيجىڭ سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جيەن مۇنداق دېدى: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكۈچىلەر 1 مىليوندىن ئاشتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش نۇقتىسى جەمئىي 214 بولۇپ، 8700دىن ئارتۇق ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش خادىمى سەپلىنىپ، شەھەر دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋاكسىنا ئەملەش ئەترىتىدىن 66سى قۇرۇلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى رېن چاۋ فوتوسى