تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تارىم نېفىتلىكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز 40 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گۇ يۈ): مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، تارىم نېفىتلىكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جەمئىي 40 مىليارد كۇب مېتىردىن كۆپرەك تەبىئىي گاز يەتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 2020-يىلى 4 مىليارد 224 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلۈپ، تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 4 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنغان.

  نۆۋەتتە، تارىم نېفىتلىكى قارا 2، دىنار 2، كېشېن، يېڭىمەھەللە، ياقا قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى گازلىقنى قۇردى، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو نېفىتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى «1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ گاز يەتكۈزۈش غول لىنىيە تۇرۇبا يولى تارىم ئويمانلىقىدا ئېچىلدى، گازلاشتۇرۇش دائىرىسى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 42 ناھىيە، شەھەر، 21 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن-مەيدانىغا چېتىلىپ، تارىم ئويمانلىقى ئايلانما تەبىئىي گاز غول تۇرۇبا تورىنى شەكىللەندۈردى.

  ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسلىقى ئوتۇن، كۆمۈر قاتارلىقلارنى تۇرمۇش يېقىلغۇسى قىلىپ كەلگەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت،  ئىككى ئوبلاستتىكى پۇقرالارنىڭ گاز ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1998-يىلى 6-ئايدا، جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى «جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. 2010-يىلى 7-ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ داۋامى ۋە كېڭەيتىلىشى بولۇپ قالدى.

  تارىم نېفىتلىكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۇرۇبا لىنىيەسى ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا، گاز بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش مىقدارىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بېسىمىمۇ بارغانسېرى زورايغان. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، نېفىتلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنى گاز بىلەن تەمىنلىشى يىلمۇ يىل ئاشقان، بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئېشىپ، تۆۋەن ئېقىننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە سىجىل «ئىللىق ئېقىم» قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى