تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى فوندى مۇلازىمىتى تور نۇقتىسى بانكىغىچە ئۇزارتىلدى

شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن): بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرۇش-ئامانەت قويۇش ئورۇنلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ بىر قىسىم بانكا تور نۇقتىلىرىدا تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىش، قەرز ئېلىش، سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەر بېجىرسە بولىدۇ.

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۇل تاپشۇرغان-ئامانەت قويغان ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى كەسپىنى بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ مەركەز بانكا تور نۇقتىلىرى كۆپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كەڭ بولۇش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاممىۋى فوندى مۇلازىمەت پوكىيىنى قىسمەن بانكا تور نۇقتىلىرىغىچە كېڭەيتكەن. بۇ«ھۆكۈمەت-بانكا ھەمكارلىقى»نىڭ كۆپ ساھە، ھەر تەرەپلىمە تەرەققىيات ئەندىزىسىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۈچ كەسىپ بېجىرىش تور نۇقتىسى ئىككى بانكىغا چېتىلىدۇ. تىيانشان يېزا سودا بانكىسىنىڭ ئىككى تور نۇقتىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا دوستلۇق شىمالىي يولىغا جايلاشقان تىيانشان يېزا سودا بانكىسى دوستلۇق يولى شۆبە بانكىسى ۋە شىمالىي ئازادلىق يولى، جۇڭسەن يولىنىڭ كېسىشكەن جايىغا جايلاشقان تىيانشان يېزا سودا بانكىسى داشىزى شۆبە بانكىسىنىڭ تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىبارەت. سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ بېجىرىش تور نۇقتىسى سايباغ رايونى خۇاڭخې يولى 2-نومۇرلۇق سودىگەر چاقىرىش بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى تىجارەت بۆلۈمىگە جايلاشقان.

بۇ ئۈچ بانكا تور نۇقتىسى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىش، قەرز بېرىش، سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پۇل تاپشۇرغان-ئامانەت قويغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «ئاممىۋى فوندى كەسپى بىر بېكەتلىك» پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى بۇ يىل سودا بانكىسى بىلەن بولغان كەسپى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. كەسىپ بېجىرىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ مەركەز ئېھتىياج بويىچە باشقا تىجارەت تور نۇقتىلىرىدا مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كۆپ قېتىم قاتراشتىن بىر قېتىم قاتراش ھەتتا نۆل قېتىم قاتراشقىچە، رايونغا ئايرىپ بېجىرىشتىن يېقىن ئەتراپتا بېجىرىشكىچە، تور بېكىتىدە تەكشۈرۈشتىن يان تېلېفون Appسىنى ئەمەلىي قوللىنىش، ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى، 12329 ئاۋازلىق قىزىق لىنىيە تېلېفونى قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەت سۇپىلىرىنى ئېچىشقىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، ئاددىي بېجىرىش، توردا بېجىرىش»نى يولغا قويۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى