تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاتلىق لېكسىيە ئەترىتى» پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى «ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى»گىچە يەتكۈزدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شياۋدۇڭ

قىش كىرگەندىن كېيىنكى بىرنەچچە قېتىملىق قېلىن قار بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ چىغان جىگدە يېزىسى سەكرەش كەنتىنىڭ ئاقدالا تەۋەلىك رايونىدىكى قىشلاقنى قېلىن قاپلىغانىدى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، سەكرەش كەنتىدىكى ئاتلىق لېكسىيە ئەترىتىنىڭ كېلىشى بىلەن، چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرى ئىللىقلىققا تولدى.

«چارۋىچىلارغا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بىزنىڭ تاغ ئارىسىغا كىرىپ لېكسىيە سۆزلەۋاتقىنىمىزغا ئىككى كۈن بولدى» دېدى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تەشۋىقاتچى، سەكرەش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇمابېك بۆكېن مۇخبىرغا.

ئاقدالا تەۋەلىك رايونى سەكرەش كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا 40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، 20 ئائىلىلىكتىن كۆپرەك چارۋىچى 50 كىلومېتىر دائىرىدىكى چۆللۈكنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا تارقالغان. ھەربىر ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ يىغىن روھىنى تەپسىلىي چۈشىنىشى ئۈچۈن، كەنت كادىرلىرى ۋە تەشۋىقاتچىلار قەھرىتان سوغۇقتىن قورقماي، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلىدى.

قار يېغىپ يول تېيىلغاق بولغاچقا، ئەترەت ئەزالىرى بىپايان چۆل - جەزىرىنى ئاتلىق ئايلىنىپ ئۆتۈپ، چارۋىچى بېكېش تۇرۇسنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە چۈش بولاي دېگەنىدى. لېكسىيە ئەترىتىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەتراپتىكى تۆت - بەش ئائىلىلىك چارۋىچى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا بېكېشنىڭ ئۆيىگە كەلدى، كۆپچىلىك چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، لېكسىيەنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

«3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالقىشلىدى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1 مىليون 690 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق يېزا ئەمىن ئۆيى ۋە 1 مىليون 560 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆيى سېلىندى، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئامما پاكىز، چىرايلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە بىزمۇ بار. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.7كە يەتتى، بىز ئەمدى كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق...» دېدى جۇمابېك قىزغىنلىق بىلەن چارۋىچىلارغا سۆزلەپ.

جۇمابېك بۆكېن ئىنتايىن ئەستايىدىل سۆزلىدى، كۆپچىلىك تەپسىلىي ئاڭلاپ، پات - پات بېشىنى لىڭشىتىپ قايىللىقىنى بىلدۈرۈشتى. كەنتتە يەسلى، داۋالاش ئۆيى، مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ كەنتتىن چىقمايلا ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، چارۋىچىلار بەس - بەستە چاۋاك چېلىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە ئالقىش ياڭراتتى.

«بىز ھەر يىلى دۆلەتنىڭ باقمىچىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز، مەن 200 نەچچە قوي، 40 نەچچە كالا، 15 ئات بېقىپ، ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم.» بېكېش لېكسىيەنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە دۆلەت بىزگە مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت بەردى، بۇ يىل مەن قوي - كالا بورداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىچىك چارۋىلارنى چوڭ چارۋىلارغا ئالماشتۇرۇپ، چوڭ چارۋىلارنى ئەلا نەسىللىك چارۋىلارغا ئالماشتۇرۇپ، ئىلمىي بېقىش يولىدا مېڭىپ، تۇرمۇشۇمنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن».

بىر ياندا ئولتۇرغان چارۋىچى جاناربېك كاكېن ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «بۇ بىرقانچە يىلدا ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، مەن يەتتە كالا، 70 نەچچە قوي باقتىم، نامرات ئائىلە دېگەن قالپىقىمنى ئېلىۋەتتىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز».

«بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز چوقۇم 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى كونكرېت خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز» دېدى جۇمابېك بۆكېن.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى «دومبىرا كىچىك ئەترىتى» «مامكاپ لېكسىيە ئۆمىكى» «ئاتلىق لېكسىيە ئەترىتى» قاتارلىق تۈرلۈك تەشۋىقات كۈچلىرى ئارقىلىق، كۇەيبەن، دومبىرا ناخشىسى، ئەلنەغمە، ئېتۇت، شېئىر قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك شەكىللەر بىلەن ئاممىغا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى، ئاڭلىغان ئامما 40 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

«بىز لېكسىيە سۆزلەش بىلەن بىللە، يەنە چارۋىچى ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى، نېمە قىلىۋاتقانلىقى، نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ، كەنتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىشىگە ئاساس سالدۇق.» جۇمابېك بۆكېن مۇنداق دېدى: «ئاتلىق لېكسىيە ئەترىتى ھەربىر چارۋىچىلىق رايونىغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر> <ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى>گىچە يەتكۈزىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى