تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى مۇلازىمىتى تور نۇقتىلىرى بانكىلارغىچە كېڭەيتىلدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن): بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇپ ئامانەت قويغان ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قىسمەن بانكا تور نۇقتىلىرىدا تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىش، قەرز ئېلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇپ، ئامانەت قويغان ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى كەسپىنى بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ مەركەز بانكا تور نۇقتىلىرى كۆپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كەڭ بولۇش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاممىۋى فوندى مۇلازىمەت پۇكىيىنى قىسمەن بانكا تور نۇقتىلىرىغىچە كېڭەيتكەن. بۇ «ھۆكۈمەت-بانكا ھەمكارلىقى»نىڭ كۆپ ساھە، ھەر تەرەپلىمە تەرەققىيات ئەندىزىسىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئۈچ كەسىپ بېجىرىش تور نۇقتىسى ئىككى بانكىغا چېتىلىدۇ. تىيانشان يېزا سودا بانكىسىنىڭ ئىككى تور نۇقتىسى بار بولۇپ، ئۇلار شىمالىي دوستلۇق يولىغا جايلاشقان تىيانشان يېزا سودا بانكىسى دوستلۇق يولى تارماق بانكىسى ۋە شىمالىي ئازادلىق يولى بىلەن جۇڭسەن يولى كېسىشكەن جايدىكى تىيانشان يېزا سودا بانكىسى داشىزى تارماق بانكىسىنىڭ تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىبارەت. سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ بېجىرىش تور نۇقتىسى سايباغ رايونى خۇاڭخې يولى 2-نومۇر سودىگەر چاقىرىش بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى تىجارەت بۆلۈمىگە جايلاشقان.

  بۇ ئۈچ بانكا تور نۇقتىسىدا تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىش، قەرز بېرىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرگىلى بولۇش ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇپ، ئامانەت قويغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «ئاممىۋى فوندى كەسپىنى بىر كۆزنەكتە بىجىرىش» پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى سودا بانكىسى بىلەن بولغان كەسپىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. كەسىپ بېجىرىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ مەركەز ئېھتىياج بويىچە باشقا تىجارەت تور نۇقتىلىرىدا مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆپ قاتراشتىن بىر قېتىملا قاتراش، قاترىماسلىققىچە، رايونغا ئايرىپ بېجىرىشتىن يېقىندىلا بېجىرىشكىچە، تور بېكىتىدە تەكشۈرۈشتىن يان تېلېفون App دېتالى، ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى، 12329 ئاۋازلىق قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەت سۇپىلىرىنى ئېچىشقىچە... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى «ئالاقە تورى+ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، ئاددىي بېجىرىش، توردا بېجىرىش»كە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردى.

  ھازىر ئۈرۈمچىدىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇپ ئامانەت قويغان ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تور كەسپى زالى، يان تېلېفون App دېتالى، ھەر قايسى باشقۇرۇش بۆلۈمى كۆزنىكى، قىسمەن بانكا تور نۇقتىلىرى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدۇ. 

  «ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى