ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۈن يىڭشۆ، لى لىن، لى سىسى خەۋىرى): 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، CZ5421 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىغا ئوڭۇشلۇق قوندى، بۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كېرىيەگىچە بولغان بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ قېتىم قاتناشقا باشلىغان ئۈرۈمچى-كېرىيە بېرىش-كېلىش نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئايروپىلان نومۇرى CZ5421/2 بولۇپ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ، بويىن B737 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىشتا نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 09:00دا ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:00دا كېرىيەگە قونىدۇ، قايتىشتا نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11:45دە كېرىيەدىن ئۇچۇپ، سائەت 13:45دە ئۈرۈمچىگە قونىدۇ. قاتناش باشلانغان كۈنى، جەمئىي 106 يولۇچى كېرىيەدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى.
ھازىر، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن، كېرىيە ئايرودۇرۇمىدا قەرەللىك قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى بار بولۇپ، شۇ جايدىن يولغا چىقىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئالتىگە، كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىم سانى ئونغا يەتتى. يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى شۇ جاينىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە شىنجاڭدىن چىقىرىش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشلۇق كارىدورى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يەنە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.