تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يول مېڭىپ ماغدۇرسىزلانغاندا، قان تومۇرنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ

  ياشانغانلار بىر بۆلەك يول ماڭغاندىن كېيىن تۆۋەنكى مۈچە ماغدۇرسىزلىنىدىغان ياكى ئاغرىيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ھەتتا يول مېڭىشتىن توختاپ سەل دەم ئالغاندا ئاندىن ئاغرىق پەسىيىدۇ، يول ماڭغاندا ئاقسايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك، قانداق تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەك؟

    پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى ياڭ خۇڭشيا مۇنداق دېدى: يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ خىل ئەھۋال مېدىتسىنادا «ئارىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان ئاقساپ قېلىش» دەپ ئاتىلىدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيە تومۇرلىرى تارىيىش ياكى توسۇلۇشتىن پەيدا بولىدۇ، دىيابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ياغ كۆپىيىش كېسىلى بار تاماكا چېكىدىغان ياشانغان ئاغرىقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. يول يۈرمىگەندە، تارايغان تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيە تومۇرلىرى يەنە مۇسكۇللارنى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇڭا بىئاراملىق ھېس قىلمايدۇ، لېكىن يول يۈرگەندە، ھەرىكەت قىلىۋاتقان مۇسكۇللارنى قان بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجى ئېشىپ بارىدۇ، تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەلىرىنىڭ كومپېنساتسىيەلىك كېڭىيىشى تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن تارايغان ياكى توسۇلغان قان تومۇرلار كېڭەيمىگەندە، تۆۋەنكى مۈچە مۇسكۇللىرىدا ماغدۇرسىزلىنىش ياكى ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ.

    بۇ خىل مەسىلە كۆرۈلگەن ئاغرىقلار دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك، دوختۇر ئەھۋالغا قارىتا تۆۋەنكى مۈچە قان تومۇرلىرىنى تەكشۈرىدۇ، مەسىلەن، زەخمىلەنمىگەن قان تومۇرلارنى تەكشۈرۈش (ABI) نىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئارتېرىيە تومۇرلىرى توسۇلۇش ۋە پۇت-قولغا قان يېتىشمەسلىك دەرىجىسى باھالىنىدۇ: تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيە تومۇرلىرى ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشى، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق داغ پارچىلىرىنىڭ خاراكتېرى، ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ تارايغان قىسمى ھەمدە تارىيىش دەرىجىسىنى ئېنىقلايدۇ؛ زۆرۈر بولغاندا، يەنە تۆۋەن مۈچە ئارتېرىيە تومۇرلىرىنى كومپىيۇتېردا ئۈزۈك قاتلاملىق قان تومۇر تەسۋىر روشەنلەشتۈرۈش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدۇ (CTA)، بۇنىڭدىن تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ تارايغان قىسمى، تارىيىش دەرىجىسى ۋە يان تارماق قان ئايلىنىش ئەھۋالىغا ئېنىق ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ؛ دورا رېئاكسىيە قىلىدىغان، زىققا كېسىلى ياكى بۆرەك فۇنكىسىيەسى ياخشى بولمىغان ئاغرىقلار، تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيە تومۇرلىرى CTA تەكشۈرۈشى قىلغاندا، ئېھتىيات قىلغاندا، ناچار رېئاكسىيەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

    يۇقىرى قان شېكىرى، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ياغ كۆپىيىش، تاماكا چېكىشنىڭ ھەممىسى تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى، قان تومۇر تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللاردۇر. يۇقارقى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ئاغرىقلار دىققەت قىلىشى، قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، قان بېسىمى، قاندىكى ياغ ۋە قان شېكىرى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى كونترول قىلىشى، تاماكىنى تاشلاپ، ھاراققا چەك قويۇشى، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇتقا قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى