تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاۋات ناھىيەسىدە تۇنجى قار تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ لى، ئىختىيارىي مۇخبىر يەن خاۋ): 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى خۇڭلىنزى دېھقانلار ئارامگاھى قار-مۇز باغچىسىدا خۇشال كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر قاردا خۇشال ئويناۋاتاتتى. بۇ، بۇ ناھىيەنىڭ تۇنجى قار تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، قار-مۇز ساياھىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغانىدى.

  خۇڭلىنزى دېھقانلار ئارامگاھى باغتوغراق يېزىسى قارا كۈرجەك كەنتىنىڭ لاۋداخې كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى توققۇز كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا-كەنت ساياھىتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، يېمەك-ئىچمەك، ئىستىراھەت، تەنھەرىكەت، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى دېھقانلار شادلىق باغچىسى ئىدى. بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆلىمى 30 مودىن ئاشىدىغان قار-مۇز باغچىسى، قار تېيىلىش رايونى، قار ئويۇنى رايونى ۋە دالا رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سەيلە تۈرلىرىدىن قار تېيىلىش چەمبىرىكى، قارلىق دالا موتوسىكلىتى، قارلىق دالا ۋېلىسىپىتى، قارلىق دالا سوقۇلما ئاپتوموبىلى، مۇز كېمىسى قاتارلىقلار بار.

  شۇ كۈنى، قار تېيىلغىلى كەلگەن ئالىيە مەمەت ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قار تېيىلىشنى ھېس قىلىشىم، بەك خۇشال بولدۇم».

  خۇڭلىنزى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى گو جىچېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قار-مۇز باغچىسى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، يېڭى يىلدا تىجارەت باشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا قار تېيىلىش مەيدانى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، قار-مۇز باغچىسىنىڭ تىجارەت باشلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەنزىرە رايونىدا ئىش ئورنى كۆپىيىپ 17گە يەتتى.

  قارا كۈرجەك كەنتىدىكى دېھقان زۇمرەت ئىمىر قار-مۇز باغچىسىدا يېتەكچى بولۇپ، ھەر ئايدا 1800 يۈەن مائاش ئالىدۇ، ئېرى قار-مۇز باغچىسىنىڭ بىخەتەرلىك خادىمى بولۇپ، ھەر ئايدا 2200 يۈەن كىرىم قىلىدۇ. «ئىلگىرى قىشتا ھەممىمىز ئۆيدە بىكار ئولتۇراتتۇق، بۇ يىل ئىشىك ئالدىدىلا پۇل تاپالايدىغان بولدۇق، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم» دېدى زۇمرەت ئىمىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى