ئاپتور: مەمەتئېلى ئەنۋەر، مۇرادىل ئابدۇللا
1-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى سامپۇل بازىرى جايئېرىق كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ سىشياڭيۈەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى جىددىي كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ شىركەت 2019-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئايدا ئىشلەپچىقىرىدىغان كەسمە چۆپ مىقدارى 10 توننىغا يېتىپ، جايئېرىق كەنتىدىكى 15 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. مەھسۇلاتلىرى خوتەننىڭ ئۆزىدىكى بازارلاردا سېتىلغاندىن باشقام يەنە ئۈرۈمچى، قاراماي، چىڭداۋ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى سامپۇل بازىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، بېيىش يولىنى كېڭەيتىشكە پائال يېتەكلىدى.