ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭدەن): 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا جەمئىيەتتىن قىشلىق تەتىللىك پىدائىي قوبۇل قىلىدۇ، 16 ياشتىن يۇقىرى، ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى تىزىملاتسا بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك كۇتۇپخانىدىن ئىگىلىشىچە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تىزىمغا ئالدۇرغان پىدائىيلار كۇتۇپخانىدا بىر تۇتاش تەربىيەلىنىپ، كىتابلارنى كودلاشتۇرۇپ پەرقلەندۈرۈش، كىتابلارنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش، ئوقۇرمەنلەرنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىق خىزمەت ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىدىكەن. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ قىشلىق تەتىللىك پىدائىيسى بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
پىدائىيلار مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پىدائىيلار تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، جەمئىي ئۈچ خىزمەت كۈنى (24 سائەتتىن كەم بولمىغان) پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كونكرېت مۇلازىمەت ئىش ئورنىنى شەھەرلىك كۇتۇپخانا بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
پىدائىيلار مۇلازىمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، شەھەرلىك كۇتۇپخانا پىدائىيلارغا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ.
تىزىملىتىش تېلېفون نومۇرى: 460063-0991
«ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى