تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئۆچمەس ئابىدە

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

«پامىر بۈركۈتى» دەپ ئاتالغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى لاچىن بايەكە كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئۇنىڭ ھاياتى مەڭگۈ 41 ياشتا توختاپ قالدى. ھاياتى ئارقىلىق بۇرچنى ئادا قىلىشقا ئاتلىنىپ، سەمىمىي مۇھەببىتى ئارقىلىق ئاۋامنى قوغدىدى، لاچىن بايەكەنىڭ جاسارىتى يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سېلىپ، كىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قىممەتلىك ھاياتى بەدىلىگە «خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش»تەك قەھرىمانلىق مەدھىيە ناخشىسىنى يازدى. «پامىر بۈركۈتى» ئالەمدىن ئۆتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئالىيجاناب روھىي پەزىلىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئابىدە تىكلىدى.

بىر ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۇ چىڭ تۇرىدىغان ئېتىقاد بەلگىلەيدۇ. لاچىن بايەكەنىڭ قەھرىمانلىق ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. 2011-يىلى قىشتىلا، ئۇ جەڭچىلەر بىلەن چارلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز شىددەتلىك قارغا دۇچ كەلگەن، بىر جەڭچى ئېھتىياتسىزلىقتىن قار ئۆڭكۈرىگە چۈشۈپ كەتكەن، لاچىن بايەكە كىيىمىنى سېلىپ چىگىپ، ئارغامچا ياساپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ، ياش جەڭچىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان، ئەمما ئۇ ئۆزى توڭلاپ ھوشىدىن كەتكەن، دوختۇرخانىدا ئۈچ سائەت جىددىي قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ھاياتى ساقلاپ قېلىنغان. «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش» لاچىن بايەكەنىڭ قەلبىدە بىر جۈملە شوئارلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد ۋە قىممەت ئىنتىلىشى. ئۇ مەيلى قارلىق تاغ، چوڭقۇر جىلغىلاردا چارلاش، چېگرانى قوغداشتا بولسۇن ياكى خەلق سارىيىدا خەلق ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسەتكەندە بولسۇن، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى تىكلىدى. بۇ ئوبراز پارتىيەنىڭ غېمىنى يەيدىغان، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان ئوبراز، ئادەتتىكى ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان ئوبراز. دەل شۇنداق بولغاچقا، ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان بالا مۇزلۇق كۆلدە جان تالىشىۋاتقاندا، لاچىن بايەكە يەنە بىر قېتىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپ، ھاياتلىق نۇرىنى گۆدەك بالىغا قالدۇردى. ئۇنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى، ئۇنىڭ شانلىق ئوبرازى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئويۇلدى.

لاچىن بايەكەنىڭ جىسمىدىن بىز يەنە نۇرغۇن نۇر چېچىپ تۇرغان ئالىيجاناب پەزىلەتلەرنى كۆرەلەيمىز. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ئىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى يەنە باشقا يولداشلار بىلەن بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قانداق قىلغاندا خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەنىدى؛ ئۇ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئۇنىڭ قەلبىدە چېگرا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى قوغداش چارۋىچىلارنىڭ بۇرچى، پامىر ئېگىزلىكى چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدىكى ھەربىر چېگرا تېشى، ھەربىر دەريا ئېقىنى، ھەربىر تاغ جىلغىسىدا قالدۇرغان چوڭقۇر ئىزلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سادىق، مەسئۇلىيەتچان ئېسىل پەزىلىتىگە گۇۋاھ بولالايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن «ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى مەڭگۈ ياخشى ساقلاش»تىن ئىبارەت تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ ئۇ يەنە مەملىكەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى بولۇپ سايلاندى، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرى بىلەن بىللە چارلىدى، ئۇ دائىم ھايات-ماماتىغا قارىماي ئەڭ ئالدىدا ماڭدى... لاچىن بايەكەنىڭ قىسقا، ئەمما شانلىق ھاياتىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، سۆيۈملۈك يۇرتىغا، خەلق ئاممىسىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇ چوڭقۇر، ئوتتەك ھېسسىياتى بىلەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ قىممەت ئاساسىي رېڭىنى روشەنلەشتۈردى.

كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى خەلقنى كۆڭلىگە پۈككەن، ئائىلە دۆلەتنى زىممىسىگە ئالغان ئېتىقادچىلار توپىدۇر. پارتىيەمىزنىڭ قاينام - تاشقىنلىق يىللىرىنى، 100 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، سانسىزلىغان كوممۇنىستلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش ئۈچۈن مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدىغان تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ئۈچۈنلا، جۇڭخۇا مىللىتى ئاندىن قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ چېكى يوق» «ئىنقىلابچىلار قىيىنچىلىق ئالدىدا قەھرىمانلىق كۆرسىتىشى كېرەك» «ھەق بىلەن ھېسابلاشماسلىق، ھايات-مامات بىلەن ھېسابلاشماسلىق كېرەك»... بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئەڭ يۇقىرى ئىنتىلىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ مەنىۋى خەزىنىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى. ئاق كۆڭۈل، ئاددىي-ساددا، باتۇر لاچىن بايەكە دەل مۇشۇ خەزىنىدە نۇر چېچىپ چاقناپ تۇرغان گۆھەرلەرنىڭ بىرى.

«گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئېقىن، بىپايان دېڭىزغا قۇيۇلار لېكىن». بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەمىزنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز يېزىش قەتئىي غايە-ئېتىقاد تىرىكىگە ئىگە مىليونلىغان كوممۇنىستلارنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. لاچىن بايەكە بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى، ئەمما چەكسىز پامىر ئېگىزلىكىدىكى بۇ ئۆچمەس ئابىدە تېخىمۇ كۆپ كوممۇنىستنى ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى