تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

بىڭتۇەن 7-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 10-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

ۋاڭ جۈنجېڭ دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى پېڭ جيارۈي قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىندا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-جېڭۋىي چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ۋاڭ جۈنجېڭ بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، «پىروگرامما (لايىھەسى)» توغرىسىدا ئىزاھات بەردى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۇەننىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، بىڭتۇەن خىزمىتىنى غەلىبىلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بولۇپ، يېڭى دەۋردە بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇن بەلگىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ «14-بەش يىل»لىق خىزمەتلىرى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم خاراكتېرگە ئىگە بىر يىل، پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بىڭتۇەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يېزا خىزمىتى يىغىنى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، «14-بەش يىل»دىكى خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كۈچەپ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۈچەپ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كۈچەپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىللەش ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۈچەپ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىش يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۈچەپ ئالاھىدە قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىڭتۇەن تەۋەلىكىدىكى رايونلارنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۈچەپ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۈچەپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كۈچەپ «14-بەش يىل»نى باشلاپ، تىرىشىپ ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، «14-بەش يىل»لىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كۈچەپ ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت «ئىككى مۇھىم نۇقتا»نى ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، قەتئىي تۈردە بىڭتۇەننىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كۇڭ شىڭلۇڭ، لى شىنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان، شاۋ فېڭ، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لۇ شۈپىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.