تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ھۈنەرۋەن قۇرباننىڭ يېڭى تۇرمۇشى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ جەنيۈەن خەۋەر قىلىدۇ): «بۇلتۇر، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 70-80 مىڭ يۈەن بولدى» دېدى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى ئاقتۇر كەنتىدىكى دېھقان قۇربان راخمان پەخىرلەنگەن ھالدا.

قۇربان راخماننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئازادە ئۆيلەر ئاقارتىلىپ يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى، يېپيېڭى ئۆي جاھازلىرى پاكىز، چىرايلىق ئىدى. ئاپپاق تامغا ئېسىلغان «تاغ-دەريالار شۇنچە گۈزەل» دېگەن رەسىمنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا:«دانا سىياسەت ھەممە ئائىلىگە نەپ يەتكۈزىدۇ»، «گۈزەل تۇرمۇش ھەسەلدەك شېرىن» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

«بۇ مەن بايىلا شەھەردىن سېتىۋالغان ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاق، سۇ ئىسسىتقۇچ، يەنە قىزىمغا بىر پىكاپ زاكاز قىلدىم، تۆت كۈندىن كېيىن پىكاپنى ئالغىلى بارىمەن» دېدى قۇربان راخمان روھلۇق ھالدا.

ئىلگىرىكى نامرات ئاھالە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇربان راخمان ئائىلىسىدىكى بەش جان نەچچە ئېغىز كېسەك ئۆيدە قىستىلىشىپ ئولتۇراتتى، بىر يىل ئىشلىسىمۇ ھېچقانچە پۇل يىغالمايتتى. «مەن ياش ۋاقتىمدا ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن، كىرىمىم يامان ئەمەس ئىدى، لېكىن چوڭلار كېسەل بولۇپ قالدى، بالىلارمۇ جىق، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتساممۇ، يەنە ئازراق قەرز بولۇپ قالدىم» دېدى قۇربان راخمان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان يېڭى كىيىمنىمۇ ناھايىتى ئاز سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتقاچ.

قۇربان راخمان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كۇچا شەھەرلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆيىگە ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئۇنى باقمىچىلىق ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى، ئۇنى تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئاپاردى، يەنە ئۇنىڭغا قەرەللىك بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تېخنىكا يېتەكچىسى بېكىتىپ بەردى.

قۇربان راخمانمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىش تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بالىلارنى ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قوي بېقىشقا مەسئۇل قىلدى، خوتۇنى بىلەن چوڭلار پارنىكلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدى، ئۆزى زىرائەت تېرىپ بولغاندىن كېيىن، ياغاچچىلىق ھۈنىرىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى.

نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ قويى كۆپىيىپ 20 نەچچىگە يەتتى، پارنىكتىن بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، ئۆزى ئىشلەمچىلىك قىلىپ يەنە 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، ئائىلىسى تەدرىجىي بېيىدى. « ئۈچ <بېيىش ئات ھارۋىسى> مېنى سۆرەپ يۈگۈرۈۋاتسا، ئائىلىمىز يەنە باي بولالمامدۇ؟» دېدى قۇربان راخمان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

قۇربان راخمان توڭلاتقۇنى ئاچتى، ئىچىدە كالا گۆشى، قوي گۆشى، بېلىق گۆشى، تۇخۇم، موگۇ ۋە يېشىل كۆكتاتلار بار ئىدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى گۆش يېتىشمەيتتى، ھازىر كۈنلىرىم كۈندە بايرامدەك ئۆتۈۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى