تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كەشتىچى مۇزىلە ئاچا-سىڭىللارنى يېتەكلەپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى

  ئانار بۇلۇت: مۇزىلە نۇرىدەن تاشپەلەمپەي يېزىسى مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ بىر جۈپ چېۋەر قولى ۋە كۈچىگە تايىنىپ، ئادەتتىكى ئايالدىن شىنجاڭ ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسىغا ئايلاندى، ئۇ كەشتىچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئايالنى باشلاپ ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلىنىپ، ئاچا-سىڭىللارنىڭ «بېيىش باشلامچىسى»غا ئايلاندى.

  2020-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، مۇزىلە نۇرىدەن كوپىراتىپ ئەزالىرىنى باشلاپ ئالدىراش زاكاز تەييارلاۋاتاتتى، سېختىكى ھەر خىل نەپىس ئىشلەنگەن، نەقىشلىرى نەپىس بولغان كەشتە مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇزىلەنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن، كەنت ئاھالىسى ئالماگۈل ئىككى ئايدىلا بىر تېخنىك ئىشچىسىغا ئايلاندى.

  ئالماگۈل مۇنداق دېدى: «يازدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىمەن، قىشتا خىزمىتىم يوق، مۇشۇ يەردە ئىشلەيمەن، مەن ئاساسلىقى يىپ كېسىش ۋە ماشىنىغا قاراشقا مەسئۇل، بىر كۈندە 130 نەچچە يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇنىڭ بىلەن ئائىلەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇم».

  2011-يىلى، مۇزىلە مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، دەسلەپتە 15 ئايال مۇزىلەگە ئەگىشىپ بىللە ئىشلىدى، مۇزىلە كۆپچىلىككە كەشتە تىكىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردىكى يېزا ئاياللىرىغا كەشتە تىكىش ھۈنىرىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ، نۇرغۇن ئايالنى ئىككى قولىغا تايىنىپ «كەشتىلەش» ئارقىلىق بېيىش يولىغا يېتەكلىدى. كەنت ئاھالىسى ئامانگۈل بۇنىڭ ئارىسىدىكى نەپكە ئېرىشكۈچى، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلاشقىنىغا ئىككى يىل بولغان بولۇپ، ئامانگۈل كەشتىچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە سېخ باشلىقى بولۇپ، مۇزىلە بىلەن بىللە تېخىمۇ كۆپ ئاچا-سىڭىللارغا كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەتتى.

  ئامانگۈل مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولدى، ئايلىق مائاشىم 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، بالامنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە كۈندىلىك چىقىمغا كاپالەتلىك قىلالايمەن، بۇنىڭغا ئېرىمنىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ».

  دەسلەپكى ئائىلىۋى ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىدىن مىللىي كەشتىچىلىك قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك مىللىيچە كىيىم-كېچەك، ئائىلە سايمانلىرى ۋە كارىۋات بۇيۇملىرىنى لايىھەلەش، پىششىقلاش، سېتىش ھەم تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ كېڭەيتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تەرەققىي قىلغۇچە مۇزىلە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 200دىن ئارتۇق ئايالنىڭ كەشتىچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۈرۈمچى، ئىلى، قاراماي قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە سېتىش مىقدارى 43 مىڭغا، يىللىق سېتىش كىرىمى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى مۇزىلە نۇرىدەن مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە يىلدا بىزنىڭ بەيياڭخې كەنتىمىزدىكى ئائىلە ئاياللىرى بۇ يەردە ماھارەت ئۆگىنىپ، تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئادەتتىكى چارۋىچى، ئائىلە ئايالىدىن ئىشچىغا ئايلىنىپ، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. مەن تېخىمۇ كۆپ ئائىلە ئاياللىرىنى يېتەكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن». 

مەنبە: قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر نۇرلانگۈل، ليۇ چېن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى