تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بۇنداق قىلغاندا كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقالمايدۇ

   كۆكتاتنى قايناقسۇدىن ئۆتكۈزگەندە، سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار، بولۇپمۇ ۋىتامىن Cنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئەمما كۆكتاتنى قايناقسۇدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ كۆكتات تەركىبىدىكى ۋىتامىنغا بولغان تەسىرى PH قىممىتى، قىزدۇرۇش تېمپېراتۇرىسى ۋە ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، كۆكتاتنى بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە پىشۇرغاندا، ۋىتامىن Cنىڭ يوقىلىشى %70تىن %90كىچە بولىدۇ. ئۇنداقتا كۆكتاتلارنى قايناقسۇدىن ئۆتكۈزۈشتە قانداق قىلغاندا ئاندىن ئوزۇقلۇقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

   1. ئوت كۈچى كۈچلۈك، سۇ مىقدارى يېتەرلىك، ۋاقىت قىسقا بولۇشى كېرەك.

   ئوت كۈچى كۈچلۈك بولغاندا سۇ ئىزچىل قايناش ھالىتىدە بولىدۇ، سۇ مىقدارى يېتەرلىك بولسا سۇ قوشۇش سەۋەبىدىن تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى كۆكتاتنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغاندا، تۈركۈمگە بۆلۈپ سۇدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك، تېمپېراتۇرىنىڭ بەك تۆۋەن بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. قايناۋاتقان سۇدىن كۆكتاتنى قىسقا ۋاقىت ئۆتكۈزگەندە، كۆكتاتلاردىكى ئوكسىدازا ناھايىتى تېزلا ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناۋاتقان سۇدا ئوكسىگېننىڭ مىقدارى يوق دېيەرلىك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىپ زىيانغا ئۇچرىشى ئازىيىدۇ. ئەمما ۋىتامىن C ئىسسىققا چىدامسىز بولغاچقا، ۋاقىت چوقۇم قىسقا بولۇشى كېرەك. ئادەتتە، شىلەنخۇا، خۇاسەينى قايناق سۇدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا، پالەك، شياڭچۈن بىر مىنۇت ئەتراپىدا بولسىلا بولىدۇ.

   2. تۇز سېلىش، ياغ قويۇش.

   كۆكتاتنى قايناۋاتقان سۇدىن ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئاز مىقداردا تۇز قوشۇۋەتكەندە، كۆكتات ھۈجەيرە ئىچى ۋە سىرتىدىكى قويۇقلۇقى نىسبەتەن تەڭپۇڭ بولغان مۇھىتتا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئېرىشچان تەركىبىنىڭ سۇغا تارقىلىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. كۆكتاتلارنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئازراق ياغ قۇيىۋەتكەندە، ياغ كۆكتات ئەتراپىنى ئورىۋالىدۇ-دە، سۇ بىلەن كۆكتاتنىڭ ئۇچرىشىشىنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇپ، سۇدا ئېرىيدىغان ماددىلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوكسىدلىغۇچى ئېنزىمنىڭ خىلوروفىلنى بۇزۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆكتاتنىڭ ئوچۇق رەڭگىنى ساقلايدۇ.

   3. سوغۇق سۇ ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش.

   ئەگەر سۇدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۆكتاتلارنى دەرھال قورۇشقا توغرا كەلسە، سوغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، بىراق ۋاقتىنچە قويۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، دەرھال سوغۇق سۇ بىلەن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. قايناقسۇدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، سۇدىن چىققاندىن كېيىن ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاسانلا ئىسسىقلىقتىن ئوكسىدلىنىش رولى يۈزبېرىپ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. شۇڭا، قايناقسۇدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا سوۋۇتۇپ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. 

تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى