تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەخمەتنىڭ «ئەسلىي مەقسىتى»

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو ئەيچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چەي زوڭۋاڭ): 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى توقسۇن يېزىسى قۇمكېرەم كەنتىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەخمەت نۇرنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەندە، ئۇ ياڭاقزارلىقتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ شېخىنى پۇتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

  كەنتتىكى ياڭاق ئۆستۈرۈش شاھى دەپ نام ئالغان ئەخمەت نۇر بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەنىدى. «ئىلگىرى يەر تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، تېرىقچىلىق تېخنىكىمىز يۇقىرى بولمىغاچقا، تارتقان جاپاغا تۇشلۇق ھوسۇل ئالالماي، تۇرمۇشىمىزنى ئارانلا قامدايتتۇق» دېدى ئەخمەت نۇر.

  2013-يىلى، ئەخمەت نۇر ياڭاق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. 2014-يىلى، ئۇ كەنتتىكى 30 مو ئىقتىسادىي ئېتىزنى ھۆددىگە ئېلىپ ياڭاق ئۆستۈردى... بىر نەچچە يىل جاپالىق يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىر نەپكە ئېرىشتى، بانكىدا ئامانەت پۇلى بولدى. ئۇ ياڭاق بازىرىنىڭ ياخشى ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەممە پۇلى بىلەن ياڭاق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىي قىلىپ، كەنتتىكى «ياڭاق ئۆستۈرۈش شاھى»غا ئايلاندى.

  بېيىغاندىن كېيىنكى ئەخمەت نۇر ئۆزىنىڭ بىر پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇ يۇرتداشلارنى ياڭاق ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىگەندىن سىرت، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزىنىڭ ياڭاقلىقىغا كېلىپ ياڭاق پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلدى.

  كەنت ئاھالىسى ئىمىن ئەخمەت بىر نەچچە مو يەرگە تايىنىپ دېھقانچىلىق قىلاتتى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا ھېچ ئىش قىلماي، دائىم ھاراق ئىچىپ جېدەل چىقىرىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، قوشنىلىرىنىمۇ بىزار قىلغانىدى. ئەخمەت نۇر بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنى ئايدا 3000 يۈەن مائاش بىلەن ياڭاقلىقىدا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئىمىن ئەخمەت سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئەخمەت نۇرنىڭ ياڭاقلىقىغا خىزمەتكە چۈشتى. ئەخمەت نۇرنىڭ ئۈلگە بولۇشى بىلەن، بىر يىللىق ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئىمىن ئەخمەت ياڭاق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە قولۇم-قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ياخشىلاندى.

  «ھازىر، بىزمۇ ئېتىزىمىزغا ياڭاق تىكتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، ئەخمەت نۇر ئاكامغا ئوخشاش، ياڭاق ئۆستۈرۈپ باي بولىمەن» دېدى ئىمىن ئەخمەت.

  قۇمكېرەم كەنتىدە، ئەخمەت نۇرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلەر ئىمىن ئەخمەت بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. «ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتىمىزدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى ئۆگىنىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش يولىغا قەدەم قويدى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋۇ گۇاڭشېڭ مۇنداق دېدى: كەنتتىكى ئىلگىرىكى «بىكارچى»لارنىڭ ھەممىسى «ئالدىراش ئادەم» گە، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كەنتتىكى بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى. ئەخمەت نۇرغا ئوخشاش، كەنتتىكىلەرنى بېيىشقا، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيدىغانلارمۇ كۆپەيدى.

  «پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە كىرگەندە بەرگەن قەسىمىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. مېنىڭ ئەسلىي مەقسىتىم يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەپ، بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىغا مېڭىش» دېدى ئەخمەت نۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى