تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر توپ ياخشى قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتمەكتە

قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدا

بىر توپ ياخشى قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتمەكتە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدا ئەمدىلا قار ياغقان بولسىمۇ، مۇخبىر بۇ يەردە ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى. كۆپ يىلدىن بۇيان، ئورقۇ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئامما قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

«سىڭلىم، بۈگۈن كەچلىك تاماقنى بىزنىڭ ئۆيدە يەيلى، ئىككىمىز بىللە جياۋزا تۈگەيلى.» 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چىغانلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەرىخان داۋۇت قوشنىسى پاڭكا بېنبۇلەينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى بىللە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.

يېشى 70تىن ئاشقان مەرىخان بىلەن پېنسىيەگە چىققىنىغا ئۇزاق بولمىغان پاڭكا 40 نەچچە يىللىق كونا قوشنا ئىدى. كۆپ يىلدىن بۇيان، ھەر كۈنى ئۆزئارا ھال-ئەھۋال سوراش، ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ۋە بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش داۋامىدا، ئىككىيلەن سىرداش ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى، شۇنداقلا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان بولدى.

«يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا دەيدىغان گەپ بار، قوشنا بولۇپ ئولتۇرغىلى ئۇزاق بولدى، ئىككىمىزنىڭ ئىشى بولسۇن-بولمىسۇن دائىم بىللە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمىز، شۇڭا ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قالدۇق» دېدى مەرىخان كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەرىخان بىلەن پاڭكا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. مەرىخاننىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار، تىزى ئىلگىرى زەخىملەنگەن بولۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز ئىدى. پاڭكا ئۇنى دائىم يوقلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا دورىسىنى ۋاقتىدا ئىچىشنى تاپىلاپ تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئېغىزغا تېتىغۇدەك بەزى تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدۇ. ھاۋا ياخشى چاغلاردا، پاڭكا يەنە مەرىخاننى يۆلەپ سىرتقا ئاچىقىپ سەيلە قىلدۇرىدۇ، ئاپتاپسىندۇرىدۇ.

«بىزنىڭ شىنجاڭدا، نەگىلا بارسا ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، خۇددى بىزگە ئوخشاش، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ھەر قېتىم بىر يەرگە جەم بولسا ناھايىتى خۇشاللىققا چۆمىدۇ. قاراڭ، بۇ ئىلگىرى چاغان ئۆتكۈزگەندە بىز بىللە جەم بولۇش تامىقى يېگەن چاغدىكى سۈرەت.» پاڭكا مۇخبىرغا يان تېلېفونىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى.

«ليۇ ئاكام قىلدى غەلىتە بىر گەپ، كىم دەيدۇ بىز ئاياللارنى بىكارچى دەپ...» كەچقۇرۇن ئورقۇ رايونى ليۇشۇ كوچىسى كوچا باشقارمىسى ليۇيۈەن مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى شياڭياڭخۇا پائالىيەت ئۆيىدە، مەھەللە ئاھالىسى روزىخان ئەمەت پېنسىيەگە چىققان ئاھالە ۋېي خۇيليەنگە ئەگىشىپ يۈجۈ تىياتىرى ئېيتىشنى ئۆگىنىۋاتاتتى. گەرچە يېڭىلا ئۆگىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن روزىخاننىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ناھايىتى ئۆلچەملىك ئىدى.

«ۋېي ئاچام بىلەن بىنادا ئاستى-ئۈستى قوشنا ئولتۇرىمىز، دائىم ئاچامنىڭ ئۆيىدە چاڭچىلە ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمەن، مەن كىچىكىمدىن شىچۈ تىياتىرىغا قىزىققاچقا، مەندە ئاچامدىن چاڭچىلە ئېيتىشنى ئۆگىنىش ئويى پەيدا بولدى. ھازىر مەھەللىدە مەخسۇس پائالىيەت ئۆيى بار، يەنە ھۆسنخەت ۋە رەسىم قاتارلىق كۇرسلار بار، چاڭچىلە ئېيتىشنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ھۆسنخەت ئۆگىنىپ، مەدەنىيەت ساپايىمنى ئۆستۈرۈشنى ئويلاۋاتىمەن.» روزىخاننىڭ ئۆگىنىش پىلانى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

ليۇيۈەن مەھەللىسى تەۋەلىك رايونىدا جەمئىي 423 ئائىلە، 1231 ئادەم بار بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكلىرى بىر-بىرىگە قارىشىپ، قوشنا بولۇپ ئۆتمەكتە، كۆپ يىلدىن بۇيان ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر-بىرىگە تايىنىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلمەكتە.

روزىخاننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھەر قېتىملىق ھېيت - بايرامدا مەھەللە ئاھالىلىرى خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناھايىتى قىزىپ كېتىدىكەن. «بۈگۈنكى كۈندە <ئىككى مەركەز> پائالىيەت ئۆيى بىزنى تېخىمۇ كۆپ بىرلىكتە پائالىيەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى روزىخان.

روزىخان ئېيتقان «ئىككى مەركەز» ئورقۇ رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى ۋە پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى بولۇپ، ئورقۇ شەھەر رايونىنىڭ مەركىزىدىكى ليۇشۇ كوچىسى كوچا باشقارمىسىغا جايلاشقان. «ئىككى مەركەز»دە، ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەر، رەتلىك تىزىلغان نەپىس بۇيۇملار، رەتلىك، پاكىز مۇھىت، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، چېنىقىش ئۆيى، ئۇسسۇل ئۆيى، ئەلنەغمە ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى.

«بىز ھەرقايسى پائالىيەت مەيدان-سارايلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تەۋەلىك رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بىللە پائالىيەت قىلىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان، ئۆگىنىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول پائالىيەتلەر ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق» دېدى ليۇيۈەن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ فېي.

مەھەللە يەنە ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى. مەھەللىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئاھالە ئالتېنچىمىگ مەھەللە پائالىيەت ئۆيىنىڭ يېنىدا تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلىگەچ شاگىرت تەربىيەلىدى.

«ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ھەر مىللەت ئاھالىلەرگە ئۆگىتىشنى ئارزۇ قىلىمەن، بىز بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىلگىرىلەپ، بىللە بېيىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىمىز» دېدى ئالتېنچىمىگ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى