تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقسۇ ۋىلايىتى: قىشتىكى «بېيىش كۈيى»نى ياڭرىتىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ شۆچىن خەۋەر قىلىدۇ) قەھرىتان قىشتا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانلار پارنىك باشقۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشلەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى... كۆپلىگەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كۈنى «قىشتىكى ئارىساللىق»تىن «قىشتىكى ئالدىراشلىق»قا ئۆزگەردى.

  پارنىك پايدىنى ئاشۇردى

  2020-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپخان بازىرى يۇقارقى توپخان كەنتىدىكى پارنىك كۆكتاتچىلىقى بازىسىدا دېھقانلار شاخ-شاخلىرىغا پاتماي قالغان شوخلىلارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  كەنت ئاھالىسى ياقۇپجان سەمەت ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر تەرەپتىن بازىدا ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن پارنىكتا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، 2020-يىلى ئۇ بازىدىن ئىككى پارنىكنى ئىجارىگە ئېلىپ كۆكتات تېرىپ، كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپ، بېيىش ئىشەنچىگە ئىگە بولدى.

  يۇقارقى توپخان كەنتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تايانچ قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىتىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نۇرغۇن تېخنىكىلىق كۆكتات تېرىش ماھىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش

  «تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، ناھايىتى قارشى ئېلىندى، ئۆيىمىزدىكى 20 نەچچە كىلوگىرام تۆگە سۈتى كۈندە سېتىلىپ تۈگەيدۇ» 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى ئۈستۈنكى قاشئېرىق كەنتىدىكى دېھقان ئەھەت ئىسلام بىلەن خوتۇنى تۆگە سۈتى سېغىپ ئالدىراش ئىدى.

  «تۆگىنىڭ پۈتۈن بەدىنى گۆھەر، تۆگە يۇڭى، تۆگە گۆشى، تۆگە سۈتى ھەممىسى بازاردىكى قىس مەھسۇلات بولۇپ، باھاسى ئەرزان ئەمەس» دېدى ئەھەت ئىسلام، ئۇنىڭ ئائىلىسى تۆگە باقمىچىلىقىدىنلا يىلدا 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلاتتى. ئەھەت ئىسلام يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەشنى ئويلاپ، ئىككى يىل ئىلگىرى تۆگە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، بەش ئائىلىلىك دېھقاننى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتۇرۇپ، جەمئىي 120 تۆگە باقتى، 2020-يىلى تۆگە سۈتىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 700 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  كەلپىن ناھىيەسى كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، كارخانىلارنى تۆگە سۈتىنى پىششىقلاشقا جەلپ قىلىپ، تۆگە كەسپىنى زورايتتى ۋە كۈچەيتتى. ھازىر بۇ ناھىيەنىڭ تۆگە باقمىچىلىق كۆلىمى 9200گە، كۈندىلىك سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۈچ توننىغا يەتتى، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىلار تۆگە باقمىچىلىقىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

  تەربىيەلىنىپ ماھارەتنى ئۆستۈرۈش

  2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قايلور بازارلىق پارتىيە مەكتىپىدە گۈل تىزىش، پىشۇرۇق، ئائىلە ئىشلىرى، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش، تىككۈچىلىك، ئاشپەزلىك، قەغەز قىيما قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئاساس قىلغان تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىپ، ئاياللارنى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە بىرەر ماھارەت ئىگىلەپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «مەن سىلەرگە تورت ياساشنى ئۆگىتىپ قوياي، ماھارەتنى ئىگىلىۋالساڭلار، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولالايسىلەر» دېدى تورت پىشۇرۇش ئوقۇتقۇچىسى رەيھانگۈل لوقمان ئۆگىنىشكە كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە.

  «ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاياللارنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق، بالىلىرىنى بېقىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا دەخلى يەتمەيدۇ، ھەم كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ» دېدى شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس گۈلبەھرەم مەمەت.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شايار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 44 قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 1100دىن ئارتۇق ئادەمنى تەربىيەلەپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كۈنلىرىنى «قىشتىكى ئارىساللىق»تىن «قىشتىكى ئالدىراشلىق»قا ئۆگەرتتى.  

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى