تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جاڭ خەنيىڭ: تورتنىڭ خۇش ھىدى تارالدى، بېيىش يولى كېڭەيدى

چىڭقى چۈشتە، توققۇزتارا ناھىيەسى كۆندەلەڭ بازىرى قۇرۇل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاڭ خەنيىڭنىڭ تورت دۇكىنىغا كىرگىنىڭىزدە، مەززىلىك پېچىنە-پىرەنىك پۇرىقى دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ. دۇكاندىكى ئۈستەلگە يېڭىلا پىشۇرۇلغان تورت، قىزىرىپ پىشقان بولكا قاتارلىق تۈرلۈك تاتلىق تۈرۈملەر تىزىلغان بولۇپ، خۇش ھىدى دۇكاننى بىر ئالغانىدى. جاڭ خەنيىڭ پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ئۆيىدە تورت ياساش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، خېمىر يۇغۇرۇش، شەكىل چىقىرىش، گۈل چىقىرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

جاڭ خەنيىڭ مۇنداق دېدى: «مەن 2007-يىلى بۇ دۇكاننى ئاچتىم، كېيىن تىجارىتىم بارا-بارا ياخشىلىنىپ، ئۆزۈم بىر ھويلىنى سېتىۋېلىپ، دۇكاننى ئۆيگە كۆچۈرۈپ كەلدىم، بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، تىجارىتىممۇ قولايلاشتى، ھازىر نۇرغۇن كونا خېرىدارلىرىم بار. بىز ئاساسلىقى تۇغۇلغان كۈن تورتى، بولكا، قۇرۇق مېۋە تىجارىتى قىلىمىز، بىر يىلدا 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمىز، بۇ ئىشلەمچىلىك قىلغاندىن ياخشى، كېيىن يەنە سىرتقا چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ مەززىلىك تورتلارنى ياسايمەن».

كۆندەلەڭ بازىرى قۇرۇل كەنتى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ، ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كەنتتىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، كەنت ئاھالىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى ئىدىيە-قاراشنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىلھاملاندۇردى.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى رىيزا جاقۇباي مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قۇرۇل كەنتىمىزدە بۇ بىر نەچچە يىلدا 20دىن ئارتۇق ئايال ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى راۋاجلاندۇردى، پېچىنە، تورت، چاچ ياساش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بار، بىزمۇ باشقا ياشلارنى ئۇلاردىن پائال ئۆگىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئىلھاملاندۇردۇق».

(ماقالىنى توققۇزتارا ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن چېن خاۋرەن تەمىنلىدى)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى