تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باغراش كۆلى: يېزا-كەنتتىكى مەززىلىك تائاملار ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى

  دېھقانلار ئارامگاھىدا يېڭى يىل ئۆتكۈزۈش، مەززىلىك دېھقانلار قورۇمىلىرى، قىزغىن، مېھماندوست باغراشلىقلار، ئاددىي دېھقانلار ھويلىسى... بۇ يېڭى يىلدا، باغراش ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى دېھقانلار ئارامگاھلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاماق داكا نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  سەھرا دېھقانلار ئارامگاھىدىكى دەم ئالغان ۋاقىتتا، ئەسلىي تەمدىكى ئۆي قورۇمىلىرىنىڭ تەمى ئۆزگىچە. 1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتە، تۈپتۈز ئاسفالت يول بىزنى باغراش ناھىيەسىنىڭ شىخەي مەھەللىسىدىكى شىخەيلۇڭيۈ كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھىغا باشلاپ كىردى، ئۆيلەر رەتلىك گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، دېھقانلار قورۇمىلىرىنىڭ خۇش پۇرىقى پۈتۈن كەنتنى قاپلىغانىدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، تەملىك ھەم خۇشپۇراق ئۆزگىچە بېلىق زىياپىتىدىن خۇشال-خۇرام ھۇزۇرلاندۇق.

  «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى داخېكوۋغا ئوينىغىلى كەلگەنىدۇق، بۇ دېھقانلار ئارامگاھىدىن ئۆتكىچە، بىرلىكتە بۇ يەرنىڭ يەرلىك مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تەگدۇق. 2021-يىلىدا ياشانغانلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ياشلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى كورلىلىق ساياھەتچى بەي شۆ.

  دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى لۇ خۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتكە كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولدى، ئايرىمخانىلار توشۇپ، كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئادەتتىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك بولدى. چۈشتىن بۇرۇن ئەڭ كېيىن كەلگەن بىر تۈركۈم مېھمانلارنىڭ چۈشلۈك تامىقى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.»

  «بىز ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن، داخېكوۋ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، مۇز ئۈستىدە ئات مىنىش، تېز سۈرئەتلىك قار چەمبىرىكى، مۇز ئۈستىدە موتوسىكلىت ھەيدەش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى سىناپ بېقىپ، يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق. ماشىنا ھەيدەپ قايتىش يولىدا بۇ دۇكاننى ئۇچراتتىم، بۇ يەردە ھەقىقىي باغراش ئورگانىك بېلىقىنى تېتىپ، تەستە قولغا كەلگەن ئەركىن ۋاقىتتىن ھۇزۇرلىنىشقا تەييارلىنىۋاتىمەن» دېدى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ لىۋېن.

  ئىگىلىنىشىچە، باغراش ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن ھەم ياخشى ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىگە تايىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خاس يېمەك-ئىچمەك، ئىستىراھەت-ياتاق، ساياھەت-تاماشا بىر گەۋدىلەشكەن دېھقانلار ئارامگاھى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  يېزا ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك ساياھەت قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كەنتلەردە ھەممە ئۆيلەر تەبىئىي گاز بىلەن قاپلاندى، سۇ بىلەن ماڭدۇرۇلىدىغان ھاجەتخانا بىلەن قاپلاندى، كەنتلەرنى كۆكەرتىش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىغا تايىنىپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە يېمەك-ئىچمەك دېھقانلار ئارامگاھىنى باغراش يېزا-كەنتلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى «تۇتۇپ قېلىش»قا كۈچەپ ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانلار ئارامگاھى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنى مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە باغ-ئورمان ھويلىسى، ئىستىراھەت ئۆتىڭى، ئۆرپ-ئادەت ئائىلىسى قاتارلىق ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇلارنى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپى ۋە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل باغراش كۆلى قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى ھەم ئۆرپ-ئادىتىنى نامايان قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان ساياھەت ناھىيەسى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشقا ۋە ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ قوشتى.

  «ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى