تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قەنتكە قارشى تۇرۇش قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە باراۋەرمۇ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا بىر خىل يېڭى يېمەك-ئىچمەك نەزەرىيەسى تارقالغان: تېرە ياخشى بولسۇن دەيدىكەنمىز، قەنتكە قارشى تۇرۇش كەم بولسا بولمايدۇ. گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە قەنت قېرىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ، قەنت يېسە ئادەمگە ئاسانلا داغ چۈشۈپ، دانىخورەك چىقىپ، تېرىنى بوشاشتۇرۇۋېتىدۇ، تېرە پەسكە ساڭگىلايدۇ، قورۇق چۈشىدۇ. بەزى كىشىلەر قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن، «قەنتكە قارشى تۇرىدىغان يېمەكلىكلەر»نى يېيىشكە باشلىدى، ھەتتا ئاساسلىق يېمەكلىكلەر، بولكا، مېۋىلەرنى يېمەيدىغان بولدى.

قەنتلىشىش رېئاكسىيەسى دېگىنىمىز ئادەم بەدىنىدىكى قەنت تەركىبى مەسىلەن، گلۇكوزا، لاكتوزا، ساخاروزا قاتارلىقلار ئاقسىل بىلەن بىرىكىش رېئاكسىيەسى ھاسىل قىلىپ، ئاخىرقى مەزگىلدىكى گلۇكوزىلىشىش ئاخىرقى مەھسۇلاتىنى پەيدا قىلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئاخىرقى مەزگىلدىكى گلۇكوزىلىشىش ئاخىرقى ھاسىلاتلىرى ھەقىقەتەن ئادەم بەدىنىگە بەزى سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاخىرقى مەزگىلدىكى گلۇكوزىلاشقان ئاخىرقى ھاسىلاتلار يىغىلىپ، تېرىگە ئەكسىگە كەلمەيدىغان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تېرە بوشىشىش، خۈنۈكلىشىپ سارغىيىش، دانىخورەك چىقىش، يىرىكلىشىش، قورۇق چۈشۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قەنتنى زىيادە قوبۇل قىلماسلىق تەكلىپى بېرىلىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك قوللانمىسى»دا ھەربىر كىشىگە كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىدىغان قەنت مىقدارىنىڭ 25~50 گىرامغىچە بولۇش تەكلىپى بېرىلگەن. ھازىر ياشلار ئىچىدە مودا بولۇۋاتقان كولا، ئەتكەن چاي قاتارلىق ھەرخىل قەنت تەركىبلىك بوتۇلكا (ئىستاكان)لىق ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە، قەنت تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇڭا كۆپچىلىككە كۆپ ئىچىۋالماسلىق تەكلىپى بېرىلىدۇ. كۈندە قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا چەك قويۇش، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ساغلاملىقىمىزغا پايدىلىق. 

ئەگەر «قەنتكە قارشى تۇرۇش»نى پۈتۈنلەي قەنت يېمەسلىك دەپ قاراپ، ھەتتا ئاساسلىق يېمەكلىك، كۆكتات-مېۋە، گۈرۈچ-ئۇن يېمەسلىك، ئىنتايىن خاتا. چۈنكى ئاساسلىق يېمەكلىك بىلەن يېڭى كۆكتات-مېۋە تەمىنلەيدىغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر.

توغرا بولغان «قەنتكە قارشى تۇرۇش» ئۇسۇلى ھېچنېمە يېمەسلىك ئەمەس، بەلكى توغرا ئۇسۇلدا يېيىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالدى بىلەن توغرا تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. ياغدا پىشۇرۇش، قورۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرادا قاقلاش قاتارلىق قورۇما تەييارلاش جەريانىدا قەنتلىشىش رېئاكسىيەسى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، شۇڭا قاقلانغان قىزا، مايدا پىشۇرۇلغان كالا گۆشى ھەمدە قاقلاپ پىشۇرغان تاتلىق-تۇرۇم قاتارلىقلارنى يېيىشنى ئازايتىپ كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى