تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېڭى دېھقان» كاڭ جېڭخۇا بىر توپ داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى كېۋەزلىكتە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى

«يېڭى دېھقان» كاڭ جېڭخۇا

بىر توپ داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى كېۋەزلىكتە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولىدىكى بىر خىزمەت بىناسىدا، ئىگىلىك تىكلىگەن ئوندىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى بىللە تەربىيەلىنىۋاتقان بولۇپ، دەرس ئاڭلاۋاتاتتى.

«دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى بۇ مەزگىل بىزنىڭ كېلەر يىلى پاختىكارلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن <قىشلىق زاپاس> توپلايدىغان پەسلىمىز» دېدى شىنجاڭ چياڭنۇڭ فېڭخې يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى كاڭ جېڭخۇا.

كاڭ جېڭخۇا ئېيتقان بۇ مۇلازىمەت ئاساسلىقى پاختىكارلارغا كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىنى خىمىيەلىك تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل «ئۆسۈشنى تىزگىنلەش» تېخنىكىسىنى قوللانغاندا كېۋەز ئاساسىي غولىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىگىلى، ئۈنۈمسىز شاخلارنىڭ ئۆسۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

شىركەتنىڭ پاختا ئەۋرىشكىسى كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا، كاڭ جېڭخۇا مۇخبىرغا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرى كېۋەزنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈشتە كۆپىنچە ئادەم كۈچىگە تايىناتتۇق، ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى، ھازىر ئۆسۈشنى تىزگىنلەش دورىسى ئىشلىتىلگەچكە، ھەم سۈپەت ئۆسۈپ ھوسۇل ئاشتى، ھەم ئادەم كۈچى تەننەرخىمۇ تېجەپ قېلىندى.

كاڭ جېڭخۇا بۇ يىل 29 ياشتا بولۇپ، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېتىزلىقتا نەتىجە يارىتىشقا كىرىشتى. ئۇ بىڭتۇەن دېھقانچىلىق مەيدانىدا چوڭ بولغان، ئاتا-ئانىسى پاختىكار بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى چىن قەلبىدىن قىزغىن سۆيۈشىگە تۈرتكە بولغان.

تولۇق كۇرسنىڭ پىراكتىكا باسقۇچىدا، كاڭ جېڭخۇادا كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىنى خىمىيەلىك تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش ئويى پەيدا بولدى. كېيىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى جاۋ چياڭنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمىدە، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدىكى كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان ئۆسۈشنى تىزگىنلەش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.

بازار ئاچقان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمىدى، «يېڭى مەھسۇلات ئىشەنچلىك ئەمەس» «ھوسۇل كېمىيىپ كەتسە قانداق قىلىمىز»... ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى كۆزىتىش پوزىتسىيەسىدە بولدى.

2015-يىلى، كاڭ جېڭخۇانىڭ قايىل قىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ تاغىسى «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ» ئۆزىنىڭ 20 مو كېۋەزلىكىگە ئۆسۈشنى تىزگىنلەش دورىسى ئىشلەتتى. بىر ئۆسۈش دەۋرىيلىكىنى سېلىشتۇرغاندىكى نەتىجە شۇ بولدىكى: خىمىيەلىك ئۇسۇلدا ئۆسۈشى تىزگىنلەنگەن كېۋەزنىڭ سۈپىتى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ئۇچىنى ئۈزگەندىكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن، پۈتۈن تۇەن-مەيدان قايناپ كەتتى.

ئۇچىنى ئۈزۈش كېۋەز تېرىقچىلىقىدىكى بىر ھالقا، ئۇچىنى ئۈزۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئېتىز پەرۋىشى كېۋەزنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. پاختىكارلارغا ئىلمىي پەرۋىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىتىش ئۈچۈن، 2018-يىلىدىن باشلاپ، كاڭ جېڭخۇا شىركەت كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قاراتتى.

كاڭ جېڭخۇانىڭ تۇنجى قېتىم شىخەنزىدىكى بىر تۇەن-مەيداندا دەرس سۆزلىگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىدە، كىچىككىنە يىغىن زالى قىستا-قىستاڭ بولۇپ كەتكەنىدى، «دەرس سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇنى-بۇنى سورىدى، ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، يەنە مېنىڭ دەرسىمنى ئاممىباب ئىكەن، چۈشىنىشلىك سۆزلەيدىكەن، دەپ ماختىدى.» شۇ قېتىم پاختىكارلار نەق مەيداندا 100 مىڭ مو كېۋەزلىككە يېتىدىغان ئۆسۈشنى تىزگىنلەش دورىسى زاكاز قىلدى. كاڭ جېڭخۇانى خۇشال قىلغىنى شۇكى، شۇ يىلى 9-ئايدا ئۆسۈشنى تىزگىنلەش دورىسىنى كۆرەك قىلىش يىغىنى ئېچىلغاندا، نۇرغۇن دېھقان «ئىنتايىن رازى بولدۇق، كېلەر يىلى يەنە ئىشلىتىمىز» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

ئالىي مەكتەپتە سىناق قىلىشتىن تارتىپ رەسمىي شىركەت قۇرۇشقىچە بولغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئۆسۈشنى تىزگىنلەش دورىسى مەھسۇلاتى ئىشلىتىلگەن كۆلەم ئەڭ دەسلەپكى 100 مىڭ مودىن كۆپىيىپ 2 مىليون موغا يەتتى. پاختىكارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى كاڭ جېڭخۇانىڭ غەيرىتىنى بارغانسېرى ئاشۇردى.

ھەر يىلى كاڭ جېڭخۇا يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقتىنى پاختىكارلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەچكە، يۈزى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كېتىدۇ، تېرىقچىلىق پەرۋىشى جەريانىدا، كىمنىڭ قىيىن مەسىلىسى بولسا، ئۇ ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ، پاختىكارلار ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «شياۋكاڭ مۇئەللىم» دەپ چاقىرىدۇ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، كاڭ جېڭخۇا ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى جەمئىي 600 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننى تەربىيەلىدى. بۇ يىل كاڭ جېڭخۇا بىۋاسىتە كۆرسىتىش دەرسخانىسىنى ئېتىز بېشىغا كۆچۈردى ھەم دېھقانلارنىڭ باسقۇچلۇق تېرىقچىلىق ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دوۋيىندا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش، يوپۇرماقتىن ئوغۇتلاشقا ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى مىكرو دەرسخانىسىنى تەسىس قىلدى.

«يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزمۇ <يېڭى دېھقان> بولدۇق، كېۋەز تېرىقچىلىقىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.» كاڭ جېڭخۇا مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپىدىكى ھەمراھلارنىڭ ھەممىسى دېھقانچىلىق ئىلمىگە ئالاقىدار كەسىپلەردىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ھازىر كۆپچىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە كېۋەز سارغىيىپ قۇرۇش كېسىلىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى