تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چىڭگىل ناھىيەسى: ئاقدالا بازىرىدىكى يېڭى تۇرمۇش

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ چۈنخۇا): قەھرىتان قىشتا، چىڭگىل ناھىيەسى ئاقدالا بازىرىغا كەلسىڭىز، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن تەربىيەلەش نەق مەيدانى، ياپيېشىل كۆكتات پارنىكى، روشەن خاسلىققا ئىگە پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ قىش پەسلىدىكى بۇ كىچىك بازارنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى.

«ماھارەت ئۆگەنگەندىلا تېخىمۇ كۆپ بېيىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى <تۆمۈر تاۋاق>» دېدى ئاقدالا بازىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋەكىلى، بېيىش ماھىرى ئايپخان كېنجى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن.

ھەر يىلى قىش ۋە ئەتىيازدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارسالدى مەزگىلىدە، ئاقدالا بازىرى قاراتمىلىق ھالدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، باقمىچىلىق، توكچىلىق، ئاشپەزلىك، كەشتىچىلىك قاتارلىق ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويىدۇ، ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئۆگىنىشكە قاتناشقانلار جەمئىي 53 مىڭ ئادەم قېتىمغا، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقانلار 810 ئادەم قېتىمغا يەتتى. تەربىيەلەش ئارقىلىق ھازىر 98 كىشى توكچىلىق، كەپشەرلەش ۋە قېزىش ماشىنىسى ھەيدەش، ئۆي بېزەش، سۇ، توك، پار ئورنىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، 79 كىشى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئاشخانا، يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى، تاللا بازىرى، ساتىراشخانا، كەشتىچىلىك دۇكىنى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10:00دا، ئاقدالا بازىرى تىنچلىق مەھەللىسىدىكى ئاھالە دۇكەي قايبار كالا-قوي قوتىنىغا قاراپ ئالدىراش يۈگۈردى. ھازىر، دۇكەي ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ نەزەرىدە بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان «زامانىۋى چارۋىچى» ئىدى.

50 ياشنىڭ چامىسىنى ئالغان دۇكەينىڭ ئائىلىسىدە جەمئىي تۆت جان بار بولۇپ، ئىلگىرى چىڭگىل ناھىيەسى سار توقاي يېزىسى قارا شورا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىدى، 2014-يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە دەپ ئايرىلغان. ئەينى چاغدا ئۇ بالىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ناھىيە بازىرى ئەتراپىدا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغانىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى دۇكەينىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىناتتى. 2016-يىلى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاقدالا بازىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، 76 كىۋادرات مېتىرلىق خىش ئارىلاش قۇرۇلمىلىق يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يەنە 40 مو يەر ۋە تەخمىنەن 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان قوتان ئۇلارغا تەقسىم قىلىندى.

ئاقدالا بازىرى 36 ئائىلىلىكنىڭ باقمىچىلىق قوتانلىرىنى ئالتە باقمىچىلىق رايونى قىلىپ مۇۋاپىق پىلانلاپ، يەم-خەشەك ئامبىرى، دورا كۆلچىكى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ماس قەدەمدە قۇرۇپ، مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ باقمىچىلىق رايونى تەقسىملەپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىق بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 235 باقمىچىلىقتا ئارتۇقچىلىقى بار نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىنى پاي قوشۇپ ئىشلەشكە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئاممىغا بېيىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتا «قانات» ئورناتتى.

ئاقدالا بازىرىدا، زامانىۋى باقمىچىلىق، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئارقىلىق، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2016-يىلىدىكى 4220 يۈەندىن 2020-يىلىدىكى 11 مىڭ 745 يۈەنگە كۆپىيىپ، ئىلگىرىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەر ئۈمىدكە تولغان «زامانىۋى تۇرمۇش»قا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى