تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھەپتىدە بىر كۈن گىرىم قىلمىسىڭىز، تېرىڭىز ئاسان قېرىمايدۇ

  ئون كىچىك ئادەت تېرىنى ئاسانلا بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ

  كۆزنى ئۇۋۇلاشقا ئامراق بولۇش. كۆز ئەتراپىدىكى سەزگۈر رايوننىڭ سۈركۈلۈشى بۇ جايدىكى تېرىنىڭ سوزۇلۇپ، كوللاگېن ئاقسىلى ۋە ئېلاستىننىڭ پارچىلىنىپ، بالدۇر قورۇق چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

  كۆزنى قىسىپ بىر نەرسە كۆرۈش. كۆزنى قىسىپ تۇرۇپ قۇياش، يان تېلېفون، تېلېۋىزور ياكى كومپىيۇتېر قاتارلىقلارغا قاراش سەۋەبىدىن، كۈچلۈك نۇر، قاش-كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار يىغىلىپ قېلىپ، شۇ رايوندىكى تېرىگە قورۇق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقاش. يوشۇرۇن كۆزەينەك قورۇق پەيدا قىلمايدۇ، ئەمما كىشىلەر كۆزەينەك تاقىغۇچە ھەمىشە قېشىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ، بۇ كۆزنى قىسقانغا ئوخشاش پېشانە تېرىسىدە تېخىمۇ ئاسان قورۇق پەيدا قىلىدۇ.

  ئۇيقۇ كەمچىل بولۇش. «ھۆسن تۈزەش ئۇيقۇسى» ھەقىقەتەن مەۋجۇت. ئۇخلاش جەريانىدا، تېرە ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە يېڭىلىنىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق تېرە رەڭگىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كېلەلمەسلىكىنى، خۇنۈكلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  دۈم يېتىپ ئۇخلاش. دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، يۈز ياستۇققا چىڭ تېگىشىدۇ، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن يۈزدە قورۇقلار پەيدا بولىدۇ. دۈم يېتىپ ئۇخلاشمۇ كۆزنىڭ ئىششىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوڭدىسىغا يېتىپ ئازراق ئۇخلاش، باش قىسمىنى ئازراق ئېگىز كۆتۈرۈش يۈز تېرىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ھالىتىدۇر.

   دائىم باشنى ساڭگىلىتىپ يان تېلېفونغا قاراش. ھەر كۈنى باشنى ساڭگىلىتىپ يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە بىر نەچچە سائەت تىكىلىپ قاراش گەجگىنىڭ داۋاملىق ئېگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھەرىكەت مۇسكۇلنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئادەمدە ئاسانلا قورۇق پەيدا قىلىدۇ.

  نەيچە بىلەن بىر نەرسە ئىچىش. چىش دوختۇرلىرى دائىم نەيچە بىلەن قەھۋە ياكى چاي ئىچىپ، چىش بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. لېكىن، تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ قارىشىچە، نەيچە بىلەن بىر نەرسە ئىچكەندە، چوقۇم كالپۇكنى دومسايتىشقا توغرا كېلىدىكەن، بۇ ھەرىكەتنى ئۈزلۈكسىز تەكرارلاش تېرىگە زىيانلىق بولۇپ، كالپۇك ئەتراپىدا قورۇق پەيدا قىلىدىكەن.

  قول بىلەن يۈزنى تىرەپ ئارام ئېلىش. ئۇيقۇ كەلگەندە بېشىمىز ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمىز، نۇرغۇن كىشىلەر بىر قولى بىلەن ئېڭىكىنى تىرەپ ئارام ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېڭەكنى داۋاملىق تىرەپ تۇرغاندا، ئاسانلا قورۇق پەيدا بولىدۇ، قولنىڭ بېسىمى كوللاگېن ئاقسىلى ۋە ئېلاستىننىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  سېغىز چايناش: دائىم سېغىز چايناش مەڭز مۇسكۇللىرىنىڭ زىيادە ھەرىكەتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، كوللاگېن ئاقسىلى پارچىلىنىپ، تېرە ئېلاستىكىلىقنى يوقىتىپ، مەڭز ۋە ئېغىز ئەتراپىدا تېخىمۇ ئاسان قورۇق پەيدا بولىدۇ.

  دائىم بۇلغانغان ھاۋادا تۇرۇش: تېرە ھەر كۈنى ئىس-تۈتەك، تاماكا ۋە ئاپتوموبىلدىن چىققان كېرەكسىز گازلاردا ئوچۇق قالسا، تېرە توسۇقىغا زىيان يېتىپ، ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقى ۋە تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇۋاپىق تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش بۇ خىل زىيانغا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق.

  ھەپتىدە بىر كۈن گىرىم قىلمىسا، تېرە بالدۇر قېرىپ كەتمەيدۇ

  جۇڭگو تېببىي داشۆسى ئاۋىياتسىيە باش دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ يوڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېرىمۇ ئاندا-ساندا «يېنىك ئوزۇقلىنىش»قا موھتاج، ئۇزاق مۇددەت زىيادە ئاسراش، قېنىق گىرىم قىلىش قاتارلىقلار تېرىگە ئېغىر يۈك بولىدۇ.

  ليۇ يوڭشېڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، قېنىق گىرىم قىلىش يۈز قىسمىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا پايدىسىز بولۇپ، گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى دانچىلار يەنە تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋالىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، تېرىگە ئاسانلا داغ، قورۇق چۈشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى ھورمۇن، ئېغىر مېتال، فلۇئورېسسېنسىيە دورىسى قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار ئاسانلا تېرىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كىرىپ، تېرىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دانىخورەك، يۇقۇملىنىش، يارا قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى