شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىرى گو ئەيچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى فۇ: «مەمەتجان، سىز چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ماھارەت ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۇكان ئېچىپ خوجايىن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈڭ».
«خاتىرجەم بولۇڭ ئاكا، مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمەن، مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىزنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن».
بۇ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى لياۋ ۋېي بىلەن مەمەتجان مەخمۇتنىڭ تېلېفوندا سۆزلەشكەن پارىڭى. بۇنىڭغا ئوخشاش پاراڭ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ.
لياۋ ۋېي ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسى چاغراق كەنتىدىكى باغۋەنچىلىك چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، ھەر يىلى قىش پەسلىدە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتايدىغان چاغدا، ئۇ مۇشۇ كەنتتىن بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنى مېۋىلىك دەرەخلەرنى قىرقىشقا ياردەملىشىشكە چاقىرىدۇ.
بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن مەمەتجان مەخمۇت 2015-يىلى شىنجاڭ سۇچىلىق سۇ ئېلېكتىر مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كالا، قوي گۆشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى مەلۇم يېمەك-ئىچمەك مەيدانىدا مۇلازىمەتچى بولغانىدى. ئەينى چاغدا مەمەتجان مەخمۇت ئۆيىدە بىكار بولۇپ، قىلىدىغانغا ئىش بارلىقىنى ئاڭلاپ، لياۋ ۋېينىڭ بېغىغا ئىشلىگىلى كەلدى. خىزمەت ۋاقتىدا ئۇ ئەقىللىق، زېرەك بولغاچقا، لياۋ ۋېي بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدى.
1989-يىلى تۇغۇلغان لياۋ ۋېينىڭ ئىقتىسادىي كاللىسى ئۆتكۈر بولۇپ، مېۋىلىك باغ بەرپا قىلغاندىن باشقا، يەنە ئاقسۇ شەھىرىدە بىر ئاشخانا ئاچتى. قىشلىق مېۋىلىك باغلارنى پۇتاش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، لياۋ ۋېي مەمەتجان مەخمۇتنى ئاشخانىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى، ئايلىق ئىش ھەققى 5000 يۈەن بولدى. كاللىسى ئۆتكۈر مەمەتجان مەخمۇت ئۆز خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاشخانىدا باشقا ئىشلارغىمۇ ياردەملەشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ لياۋ ۋېينىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.
2020-يىلى 6-ئايدا، لياۋ ۋېي قۇرغان چېڭرۈن مېۋە-چېۋە چەكلىك شىركىتى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئالدىراش بولغاچقا، ئۇ ئاشخانىنى مەمەتجان مەخمۇتقا ھاۋالە قىلدى. «ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن» دېدى لياۋ ۋېي.
مەمەتجان مەخمۇتمۇ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، ئاشخانىنى يولىدا ماڭغۇزدى.
«لياۋ ئاكام مەڭگۈ مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم. ئۇ مېنىڭ ئاكام بولۇپلا قالماي، يەنە مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك ھايات نىشانىمدۇر» دېدى مەمەتجان مەخمۇت.