359-لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى دۆلەت 3-دەرىجىلىك مۇزېي بولۇپ باھالاندى
يېقىندا، جۇڭگو مۇزېي جەمئىيىتى 4-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مۇزېيلارنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىپ باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 74 مۇزېي دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك مۇزېي، 221 مۇزېي دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك مۇزېي، 225 مۇزېي دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك مۇزېي بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھىرى 359-لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى دۆلەت 3-دەرىجىلىك مۇزېي بولۇپ باھالاندى.
ئىگىلىنىشىچە، 359-لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى 2009-يىلى 9-ئايدا سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن، سارايدا سەككىز كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قوراللىرى، بۇيۇملىرى، سۈرەتلىرى قاتارلىق 100 مىڭدىن ئارتۇق بۇيۇم ساقلانغان.
359-بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.
(بىڭتۈەن گېزىتى پىراكتىكانت مۇخبىرى جۇ دەندەن، مۇخبىر جاۋ جۈن)
«学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى