تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

پاتىگۈل تۇرسۇن: ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىدا «ۋاڭخۇڭ» بولۇش

پاتىگۈل تۇرسۇن دۇكاندا خېرىدارلار زاكاز قىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى تىكمەكتە (2020-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ 14-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيۇيۆ فوتوسى، خەۋىرى): 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىر 14-شى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى كونا شەھەر رايونى پەن-تېخنىكا يولى مەھەللىسىدىكى ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىغا كەلدى. بۇ كوچا گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ «ۋاڭخۇڭ» داكا يېرىگە ئايلانغانىدى.

كوچىغا كىرگەندە، قىزىل رەڭلىك «ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسى» ۋىۋىسكىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، قاتار-قاتار دۇكانلار پاكىز، رەتلىك بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ۋىۋىسكا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى، دۇكاندىكى ھال رەڭ تام كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. تىككۈچىلىك دۇكىنى، ماگىزىن، گۈل دۇكىنى، ئۇششاق يېمەكلىك دۇكىنى قاتارلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، دۇكاندارلارنىڭ ھەممىسى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ھەرقايسى ليەندۈيلەردىكى ئاياللار ئىدى.

پاتىگۈل تۇرسۇن گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى 2-ليەنىنىڭ ئىشچىسى، يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەن پېشقەدەم تىككۈچى، ئۇنىڭ «يارىشىم تىككۈچىلىك دۇكىنى» مۇشۇ كوچىدىكى ئەڭ چوڭ تىككۈچىلىك دۇكىنى بولۇپ، ھەر كۈنى ئۇنى ئىزدەپ كىيىم تىكتۈرىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن پاتىگۈل تۇرسۇن كىيىم تىكىشتىن باشقا يەنە رەخت ساتىدۇ، «يارىشىم تىككۈچىلىك دۇكىنى»نىڭ دائىملىق خېرىدارلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۈنلۈك پايدىسى 600 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۇ ئۆزى بېيىپلا قالماي، يەنە ئۈچ ئايالنى دۇكاندا ئىشلەشكە ياللاپ، ليەندۈيدىكى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

«مېنىڭ ئىلگىرى خىزمىتىم يوق ئىدى، بىر قېتىم، مەن پاتىگۈل تۇرسۇنغا كىيىم تىككۈزگەندە، ئۇ مەندىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىيىم تىكىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىمنى، ھەر ئايدا 1500 يۈەن مائاش بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەم ماھارەت ئۆگەنگىلى، ھەم پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىكىم ئالدىدىلا، شۇڭا مەن ماقۇل بولدۇم. ھازىر ئۇنىڭ دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئۈچ ئايدىن ئاشتى، كۈنلىرىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ» دېدى دۇكاندىكى خىزمەتچى ئامىنە ئابلىز.

«ھازىر دۇكاندا تۆت ئادەم بولسىمۇ، يەنىلا ئازراق ئالدىراش. كېيىنكى قەدەمدە مەن دۇكاننى كېڭەيتىپ، 100 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدىكى دۇكان تېپىپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىمەن، كۆپرەك كىيىم تىكىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ئاياللارنى كۆپرەك قوبۇل قىلىپ، بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەيمەن» دېدى پاتىگۈل تۇرسۇن.

پاتىگۈل تۇرسۇننىڭ 90 نەچچە شاگىرتى بار، ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ تۆت شاگىرتىغا بۇ يەرگە كېلىپ تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بىر تىككۈچىلىك دۇكىنى بار، بۇ پاتىگۈل تۇرسۇننىڭ شاگىرتى بۇجەننەت ئابلىزنىڭ دۇكىنى. بۇ دۇكان 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇجەننەت ئابلىز ئىزچىل ئۆيىدە يەر تېرىيتتى. ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىدىكى سودىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇجەننەت ئابلىزمۇ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدى، ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇ قەشقەردىن 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تىككۈچىلىك ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىپ، ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىدىكى بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىدى. بۇجەننەت ئابلىز مۇنداق دېدى: «دۇكىنىمنىڭ تىجارەت باشلىغىنىغا ئۇزۇن بولمىدى، تونۇلۇش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا ماڭا كىيىم ئوڭشاتقۇزىدىغان خېرىدارلار بىر قەدەر كۆپ، كىيىم تىكتۈرىدىغان خېرىدارلار بىر قەدەر ئاز. مەن خېرىدارلارنىڭ كىيىمىنى ئەستايىدىل ئوڭشاپ، ئۇلارنى رازى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشسەم، سودا چوقۇم ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىدۇ». ھازىر، بۇجەننەت ئابلىز ھەر ئايدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايدۇ.

مۇخبىرنىڭ 14-شى قۇرۇمقاش شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، گۇما ناھىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئاياللارنىڭ ئائىلىدە ئىگىلىك تىكلىشىگە يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاياللارنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2019-يىلى بىڭتۇەن ئاياللار بىرلەشمىسى 200 مىڭ يۈەن ئائىلىدە ئىگىلىك تىكلەش مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئىلگىرىكى ئەسلىھەلىرى ئاددىي، ئاياللار مەركەزلىك ئىگىلىك تىكلەيدىغان گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى پەن-تېخنىكا يولى مەھەللىسىدىكى ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلەتكەن. ھازىر بۇ كوچىدا 75 ئايال دۇكان ئېچىپ، 150 نەچچە ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى پەن-تېخنىكا يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جياڭ ۋېيبىن مۇنداق دېدى: «بىز ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، <ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسى>غا يېڭىدىن سېمونت يول ياساپ، لىنىيە ئۆزگەرتىپ، ئۆي ئىچى-سىرتىدىكى تاملارنى ئاقارتىپ، تاللا بازىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى دۇكانلىرىغا پۇكەي ياساپ، ھەر بىر تىككۈچىلىك دۇكىنىغا كىيىم سىناش ئۆيى ۋە كېسىش سۇپىسى ئورنىتىپ، ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، خېرىدارلارنىڭ ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلىدۇق. بۇ كوچىنىڭ كۆركەملەشتۈرۈلۈشى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى».

ھازىر، ليەندۈيدىن چىققان بۇ ئايال لوبەنلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۆسۈپلا قالماي، ئىدىيە قارىشىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى، مۇخبىر ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرلارنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى