دەسمال ئۆزىنىڭ «ئۆز خىزمىتى»نى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئويلىمىغان يەردىن باكتېرىيە كۆپىيىدىغان «ماكان»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر پارچە دەسمالدا 500 مىليارد دانە باكتېرىيە بار بولۇپ، قاچا يۇيۇش دەسمالىدا كۆپ خىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرى بار ئىكەن.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ۋىرۇسقا تېخىمۇ يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىق كېرەك. ئۇنداقتا، دەسمالدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ ئىككىلەمچى بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق تەربىيەسى ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سىزگە ئاددىي، قوللىنىشچان بىر قانچە ئۇسۇلنى ئۆگىتىدۇ:
1. ۋاقتىدا، تولۇق يۇيۇش كېرەك. سۇ ھەممىنى ئېلىپ كېتەلەيدۇ، باكتېرىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىپ قۇرۇتۇش، ئەڭ ياخشىسى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش كېرەك.
3. دائىم دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئالدى بىلەن قاينىتىش ئۇسۇلىنى تاللاپ، دەسمالنى قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز، سۇ قاينىغاندىن كېيىن يەنە 20 مىنۇت قاينىتىمىز. 84 دېزىنفېكسىيە دورىسىغا چىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىمىز، 1000mg/Lلىق خلور تەركىبلىك دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.
كونكرېت تەڭشەش ئۇسۇلى: ئىككى بوتۇلكا 500 مىللىلىتىرلىق مىنېرال سۇ قۇتىسىغا لىق سۇ قاچىلاپ، ئىككى بوتۇلكا 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن ئارىلاشتۇرساقلا بولىدۇ. دەسمالنى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا 30 مىنۇت چىلاپ، ئاندىن پاكىز سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن قۇرۇتۇش كېرەك.
4. دەسمالنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، يەنە دەسماللارمۇ «ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش»ى، مەخسۇس دەسمالنى مەخسۇس ئىشلىتىش كېرەك.
(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)