تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەيتنى قولدىن بەرمەي، شىجائەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى چەكسىز ئىپتىخارلاندۇردى −

پەيتنى قولدىن بەرمەي، شىجائەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغاپ، كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، پەيتنى قولدىن بەرمەي، شىجائەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تارىخ يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق كەلگۈسىنى يارىتىپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان دەۋر يۆگىمە رەسىمىدە داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتىمىز.

ئالقىشلاش:

ھەربىر كۈرەش قىلغۇچى ئۈچۈن

«2020 - يىلى 11 - ئايدا، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپىقى ئېلىۋېتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى چېن لېي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا كۈرەش قىلغان، جان تىكىپ ئېلىشقان ھەربىر جۇڭگولۇققا مەدەت بەردى، يېڭى بىر يىلدا، بىز داۋاملىق كۈرەش قىلىش ھالىتىدە ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل داستانىنى تىرىشىپ پۈتىمىز.

دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولغان ساۋەن ناھىيەسىنىڭ شىگوبى بازىرىدا، ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى بولغان چېن چىڭلى بۇ يىللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن دورا چېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مەن تېرىغان 340 مو كۈزگى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئالدىم، بۇ يىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىپ، دۆلەتكە كۆپرەك ئاشلىق تاپشۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كۈچ قوشىمەن.

ئەمەلىي ئىشلەش:

قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق

يېڭى بىر يىلدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغان مەنزىرە شەكىللەندى.

يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا يېزىسى ئوتتۇرا تىگىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق كەنت 1 - شۇجىسى ۋاڭ تىڭۋۇ ئائىلىلەرگە زىيارەتكە كىرىش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەتىياز كىرگەندىن كېيىنكى ھويلا - ئاران تېرىقچىلىقىنى پىلانلىدى. «يېڭى بىر يىلدا، بىز كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈنسېرى ياخشىلايمىز!» دېدى ئۇ.

«رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەش مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىلھاملاندىم.» شىنجاڭ مېيبېيلا بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زۇبەيرە مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز سۈپەتلىك ماركىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتنى يېڭىلاپ، قىزىلگۈل تېرىغان دېھقانلارنى قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈشنى ئويلاۋاتىمىز».

خىتاب:

ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش

كەلگۈسى يېتىپ كەلدى، يول ئايىغىمىز ئاستىدا، پەقەت كۈرەش قىلغۇچىلارلا يېڭىدۇ، پەقەت ئىلگىرىلىگۈچىلەرلا غەلىبە قىلىدۇ! ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز.

شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە - خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما جىنرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«رەئىس شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ <باھار ھېكايىسى>نى داۋاملىق يېزىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. <باھار ھېكايىسى>نى داۋاملىق يېزىشتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىش كېرەك.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جيې مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا سۈرئەتنى تېزلىتىپ، كۈچنى ئاشۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىمىز.

(مۇخبىر يۈەن لېي، قاتناشقان مۇخبىرلار شى شىن، چېن چياڭۋېي، رايىدە، ليۇ شياڭ، لۇ فېڭباۋ، ليۇ يى، جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن گاۋچاۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى