تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

سەكسەن كەنتى كىرىمنى ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ كۈچكە تولدى

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئابلىتىپ، دىلخۇمار، دىلمۇرات خەۋىرى): نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسى سەكسەن كەنتىدىكى كىيىم-كېچەك پىششىقلاش سېخىدا، ئالتۇن رەڭلىك بەخت خېتى، قىزىل پانۇس ئاستىدا، ئىشچىلار يېڭى زاكازلارنى جىددىي تەييارلاۋاتاتتى.

«يېقىندا يېڭىدىن بىر تۈركۈم زاكاز قوبۇل قىلدۇق، ئومۇمىي سانى 20 مىڭ يۈرۈشتىن ئاشىدۇ، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا مال تاپشۇرىمىز، ۋاقىت ئىنتايىن قىس، شۇڭا يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا ئارام ئالالمىدۇق، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئالدىراش ھەم خۇشال كەيپىياتتا ئىشلىدى» دېدى خوتەندىكى مەلۇم كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ما شياۋدۇڭ.

بۇ كىيىم-كېچەك پىششىقلاش سېخى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يىللىق كىيىم-كېچەك پىششىقلاش ئىقتىدارى دەسلەپتىكى 50 مىڭ يۈرۈشتىن 2020-يىلىدىكى 150 مىڭ يۈرۈشتىن ئېشىپ كەتتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 1500 يۈەندىن 4000 يۈەن ئەتراپىغا كۆپەيدى.

2020-يىلى يۇقۇم مەزگىلىدە، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كىيىم-كېچەك پىششىقلاش سېخىدا بىرىنچى ۋاقىتتا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «يۇقۇم مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت يەنە بىزگە 30 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى. ئىشچى-خىزمەتچىلەر تولۇقلىما پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، خىزمەت ئاكتىپلىقىمۇ ئۆستى» دېدى ما شياۋدۇڭ.

مۇقىم بولغان خادىملار قوشۇنى، كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان تىكىش تېخنىكىسى كارخانىنى يېڭى بىر يىلدا يېڭى نىشانغا ئىگە قىلدى. ھازىر كارخانا ئەترەت تەشكىللەپ، مەكتەپ فورمىسى، خىزمەت كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىدا يېڭى تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، كارخانىنىڭ پايدىسى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى يەنە بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تەييارلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى