شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ ياۋ): 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليون 3 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، قەشقەر، كورلا، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن قالسىلا، 2020-يىلى شىنجاڭدىكى 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان 4-تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىغا ئايلاندى.
2020-يىلى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە، خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ تىرانسپورت مىقدارى مۇقىم ئېشىپ، 2019-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى. ھازىر خوتەن ئايرودۇرۇمىدا كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان 22 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.4 ئاشتى، كۈندىلىك يولۇچى مىقدارى 3963 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشتى. ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 20 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن توققۇزى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 11ى بار. شىنجاڭ ئىچىدە قاتناشقا بولىدىغان ناھىيە، شەھەر 13 (ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، يەكەن، تۇمشۇق، كورلا، كېرىيە، چەرچەن، چاقىلىق، غۇلجا، كۇچا، ئالتاي، تۇرپان، قەشقەر) بولۇپ، شىنجاڭ سىرتىدا قاتناشقا بولىدىغان شەھەر توققۇز (بېيجىڭ، تيەنجىن، شىئەن، شاڭخەي، چېڭدۇ، لەنجوۋ، چۇڭچىڭ، گۇاڭجوۋ، خېفېي).