تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئەنۋەر ۋە ئۇنىڭ قوشنا دادىسى

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى، مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر: يېقىندا، مۇخبىر قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدا، ئەنۋەر ئىدىرىس بىلەن ئۇنىڭ قوشنا دادىسى شى ۋېنجۇڭنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدى. 30 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى قوشنا بولۇپ، ھازىر ئاللىقاچان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلانغانىدى.

مۇخبىر قىزىقىش بىلەن ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى چىغانلىق كەنتىدىكى شى ۋېنجۇڭنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۆي پار بىلەن ئىسىتىلغان بولۇپ، ئۈستەلگە كەمپۈت، پېچىنە، ساڭزا، گازىر تىزىلغانىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ، شاد-خوراملىققا چۆمگەنىدى.

33 يىل ئىلگىرى، ئەنۋەر تېخى گۆدەك بالا بولۇپ، كۈنبويى يەپ-ئىچىش، ئويۇن-تاماشاغا ئامراق، قارشىلىق قىلىش ھېسسىياتى كۈچلۈك بولۇپ، دائىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قارشىلىشاتتى. قوشنىسى شى ۋېنجۇڭ بۇ ياش بالىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەر قېتىم ئۇنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تەربىيە قىلاتتى. «سىز 18 ياشقا كىرىپ قالدىڭىز، ئەمدى خىزمەت ئىزدىمىسىڭىز، كېيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرىسىز؟ پۇل تېپىپ ئۆزىڭىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ كېيىن يەنە توي قىلىسىز، بۇنداق كېتىۋەرسىڭىز، بىر ئۆمۈر نابۇت بولىسىز!»

دەسلەپتە ياش ئەنۋەر زادىلا ئاڭلىمىدى. ئەمما شى ۋېنجۇڭ ۋاز كەچمىدى، بىر قېتىم بولمىسا ئىككى قېتىم، ئىككى قېتىم بولمىسا ئۈچ قېتىم، كۆپ سۆزلەۋېرىپ، ئەنۋەرنىڭ قەلبىدە ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولدى.

«ئۇ مېنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ، كۆڭلىدە مەن ئۈچۈن ئويلاۋاتسا، مەن يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسەم، ئۆزۈمگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدىكەن، ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ ئۈمىدىنىمۇ يەردە قويغان بولىدىكەنمەن» ئەنۋەر ئاستا-ئاستا ئورنىدىن تۇردى.

دەسلەپتە، ئەنۋەر ئۆزىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، شى ۋېنجۇڭ كۆكتات تېرىشنى بىلەتتى، ئۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ھويلىغا بىر پارچە كۆكتات ئېتىزى ئېچىپ بېرىپ، كۆكتات مايسىسى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا كۆكتات تېرىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى. بىر يىلدىن كېيىن، ئېتىزدىكى شوخلا، لازا، خاڭگا قاتارلىق كۆكتاتلار ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپ، ياخشى باھادا سېتىلدى، ئەنۋەر ئازراق پۇل يىغدى. شى ۋېنجۇڭ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، ئەنۋەرنى كۆكتاتلىقنى ھۆددىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇردى، شى ۋېنجۇڭ 20 مىڭ يۈەننى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ مۇنداق دېدى: «پەقەت سىز كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىسىڭىزلا، مەن چوقۇم سىزنى قوللايمەن، قىيىنچىلىق بولسا بىز بىرلىكتە تاقابىل تۇرىمىز» شى ۋېنجۇڭنىڭ بۇ سۆزلىرى ئەنۋەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

كېيىنكى يىللاردا، ئەنۋەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلدى. ئاللىبۇرۇنلا ئەنۋەرنى ئۆز بالىسى دەپ بىلگەن شى ۋېنجۇڭ ئۆز دادىسىدەك ئۇنىڭغا كۆيۈنەتتى، دائىم ئۇنىڭغا قانداق ئادەم بولۇش، قانداق ئىش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى، ئەنۋەرمۇ شى ۋېنجۇڭغا دادىسىنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلاتتى، كۆرۈشكەندە دادا دەپ چاقىراتتى، بايراملاردا ھەمىشە بىر يەرگە جەم بولاتتى، ئىككىيلەن چوڭقۇر ئاتا-بالىلىق مېھىر-مۇھەببىتى ئورناتقانىدى.

شى ۋېنجۇڭنىڭ ياردىمىغا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى قوشۇلۇپ ئەنۋەرنىڭ تۇرمۇشى تەدرىجىي ئىزىغا چۈشۈپ، خوتۇن ئالدى، ئوغۇل-قىزلىرى جۈپ بولۇپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى كۆڭۈللۈك ئۆتتى.

ئەنۋەر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىنى پىلانلاۋاتقاندا، 2008-يىلى تۆت ياشلىق قىزى تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلدى. يىغقان پۇلنىڭ ھەممىسىگە كۆكتاتلىقنى ھۆددىگە ئالغاچقا، بالىنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققى مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەنۋەر تەرەپ-تەرەپتىن پۇل قەرز ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا، شى ۋېنجۇڭ 30 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «مەن بالىنىڭ بوۋىسى ئەمەسمۇ؟ شۇنچە چوڭ ئىش چىقسا، ماڭا دەپمۇ قويمايسىز، بولدى ھېچنىمە دېمەڭ، تېز بېرىپ كېسەلنى داۋالىتىڭ!» ئەنۋەر كۆز ئالدىدىكى بوۋايغا قاراپ مىننەتدارلىق ياشلىرىنى تۆكتى.

ئىككىيلەننىڭ ھېسسياتى مۇشۇنداق مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. شى ۋېنجۇڭنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلھام ۋە ياردەم بېرىشى بىلەن ھازىر ئەنۋەر ھۆددىگە ئالغان كۆكتاتلىقنىڭ كۆلىمى 120 موغا يەتتى. 2020-يىلى، ئۇ يەنە كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. بالىلىرىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، كۈنلىرى كۈندىن-كۈنگە بەختلىك ئۆتتى.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى، شى ۋېنجۇڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى گو شېنسەي 70 ياشتىن ئاشتى، ئەنۋەر باشتىن-ئاخىر شى ۋېنجۇڭنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئەسلەپ تۇردى، ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇ ھەمىشە ئۆزى چاپتى.

«مەن ھەر كۈنى ئۆيگە كېلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كېتىمەن، بۇ ئادىتىمگە ئايلىنىپ كەتتى، بۇرۇن ئۇلار مەندىن غەم قىلاتتى، ھازىر مەنمۇ بۇ ئىككىيلەننى راھەت-پاراغەتتىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن. شى دادامنىڭ گەپلىرى ۋە ھەرىكىتى مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىمەن، كۆپچىلىك بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىمىز» دېدى ئەنۋەر.  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى