تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

【بۇ بىر يىلنى سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈش⑤】 زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم

  2020-يىلى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۇغداي تېرىش كۆلىمى 2 مىليون 264 مىڭ مو بولۇپ، ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، بۇغداي دانلىرىنىڭ ئامبارغا كىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سۈرەتتە: قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلدەن بازىرى نىڭجوۋخۇ كەنتىدىكى دېھقان بۇغداي يىغماقتا (2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

  توقسۇن ناھىيەسى «جۇڭگونىڭ بالدۇر پىشار ئۆرۈك ماكانى» دەپ ئاتالغان. سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل كەنتىدە ئۆرۈك ئۈزمەكتە (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان).

لى جىڭخەي فوتوسى

  شىنجاڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ئۆسۈملۈك زاۋۇتىنىڭ ئىستېرېئولۇق يېتىشتۈرۈش، ئاسما ئېسىش سىستېمىسىنى قوللىنىپ شوخلىنى ئاساس قىلغان مېۋە، كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈپ، ھەريىلى 1300 توننىدىن ئارتۇق مەھسۇلات بازارغا كىردى. سۈرەتتە: ئىشچى ئۆسۈملۈك زاۋۇتىدا شوخلا ئۈزمەكتە (2020-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى

  2020-يىلى، كۇچا شەھىرى بىيىشباغ يېزىسى چىنەباغ كەنتىدىكى 28 كۆكتات پارنىكىدا ئايرىم-ئايرىم لازا، شوخلا، چەيزە قاتارلىق 10 نەچچە خىل كۆكتات مايسىسى بولۇپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى  كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. سۈرەتتە: كەنت ئاھالىلىرى چىنەباغ كەنتىدىكى پارنىكتا كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا (2020-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان).

نىياز راخمان فوتوسى

  باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بازارنى يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىش، كارخانىنىڭ دېھقان ئائىلىلىرىنى يېتەكلىشىگە مەدەت بېرىش ئارقىلىق، زاكازلىق ئۆستۈرۈش شەكلىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. سۈرەتتە: بۇ ناھىيە سەنتاڭخۇ بازىرىدىكى كەنت ئاھالىسى ئۆز ھويلىسىدا لازىلارنى قۇرۇتماقتا (2020-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان).

جاڭ جيەنگاڭ فوتوسى

  مەملىكەت بويىچە سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى ۋە «قوش يۈز جىڭ ساپ پاختا ناھىيەسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ 2020-يىللىق كېۋەز تېرىش كۆلىمى 1 مىليون موغا يەتتى (بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا بىلەن پاختا يىغىش كۆلىمى 960 مىڭ مو بولدى)، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرى شۇ جاينىڭ پاختا يىغىشىدىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى. سۈرەتتە: چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى لوپنۇر ناھىيەسى دۆڭقوتان يېزىسى قولجا كەنتىدە يېڭى پاختىلارنى يىغماقتا (2020-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان).

لى فېي فوتوسى

  2020-يىلى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى بارېن يېزىسىدىكى 2456 ئەگمە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن قوغۇنلاردىن مول ھوسۇل ئېلىندى. سۈرەتتە: بارېن يېزىسى يۇقارقى بارېن كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇرېھىم ياسىن ئۆزى تېرىغان قوغۇنلارنى قاچىلىماقتا (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر لى رۇي فوتوسى

  [مۇھەررىر سۆزى]

  ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەلا سورت بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %99تىن يۇقىرى بولدى، كېۋەز كۆلىمى، بىرلىك مەھسۇلات، ئومۇمىي مەھسۇلات، تاۋار مىقدارى، يۆتكەپ چىقىرىلىش مىقدارى ئۇدا 26 يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا مۇقىم تۇردى، خاس زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئاشتى؛ 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى ئالغان بولۇپ، يېزا يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكە تارقىتىش نىسبىتى %94.07كە يېتىپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى 28 مىڭدىن ئاشتى؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا 500 (دۆلەت دەرىجىلىكتىن 41ى بار)گە، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى تەشكىلات 13 مىڭ 500گە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاش كارخانىسى 12 مىڭ 500گە يېتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاش سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 176 مىليارد 280 مىليون يۈەن بولدى. ئاساسلىق زىرائەتلەرنى تېرىش-يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %84.89كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى... بۇ 2020-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى نەتىجە قەغىزى ھېسابلىنىدۇ.

   كۆزنى چاقنىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلار، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغانلىقى، يېزىلارنىڭ قىياپىتى ۋە مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

    نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى