تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

【ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش】 بىز كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگىلى كەلدۇق

12-ئاينىڭ 19-كۈنى، يۈ خەيلۇڭ (ئوتتۇرىدا) كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كارىز تازىلىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن لۇجۈەن فوتوسى، خەۋىرى): 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرىنىڭ ئۇلاچۈەن كەنتىدە، مۇخبىر يۈ خەيلۇڭنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە، ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. خېلىدىن كېيىن، ئۇ قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ يۈزىدە تەر تامچىلىرى بولۇپ، ئاياغلىرى توپىغا مىلىنىپ كەتكەنىدى.

«كەنت ئاھالىسى ما ۋەنبىڭنىڭ قوتىنى ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بىز ئۇنىڭغا يېڭى قوتان سېلىپ بەردۇق، مەن بايا بېرىپ تاماملاش خىزمىتىنى كۆرۈپ كەلدىم، ئىككى كۈندىن كېيىن قويلار يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىدۇ» دېدى يۈ خەيلۇڭ.

2019-يىلى 2-ئايدا، 13-شى دۆلەت مۈلكى شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ خەيلۇڭ 13-شىنىڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرى ئۇلاچۈەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقلىقىغا، ئۇلاچۈەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئۇ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن دائىم ئېتىز بېشىدا، يېزا-كەنت يولىدا ۋە 700دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئۆيلىرىدە پەيدا بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە نۇرغۇن ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى.

يۈ خەيلۇڭ تىلغا ئالغان ما ۋەنبىڭ ئۇلاچۈەن كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلە بولۇپ، 2013-يىلى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشقا ئامالسىز قالغان، ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان، قىزى ئىچكىرىدە ئوقۇغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىنچىلىقتا قالغانىدى.   

يۈ خەيلۇڭ ما ۋەنبىڭنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كۆپ تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، ئۇنىڭغا 10 قوي ئېلىپ بەردى، ھازىر كۆپىيىپ 24كە يەتتى.

«سافا، ئۈستەل، تېلېۋىزور ئىشكاپى، تاماق ئۈستىلىنى خىزمەت ئەترىتى بىزگە ئېلىپ بەردى، ئۆيلەر پاكىز ھەم رەتلىك، ناھايىتى راھەت تۇرۇۋاتىمىز...» كەنت ئاھالىسى ئەلى غوجائابدۇلنىڭ ئۆيىدە، ئۇ مۇخبىرنى باشلاپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنىڭ ھەممىسى يۈزىگە يېزىلغانىدى. 

ئەلى غوجائابدۇلنىڭ خوتۇنى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، يىل بويى دورا يەيتتى، ئوغلى بىلەن قىزى مەكتەپتە ئوقۇيتتى، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. يۈ خەيلۇڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بىر ئېغىز قۇرۇتۇش ئۆيى، بىر رەڭلىك تاختايلىق ئۆي سېلىپ بەردى، يەنە ئۇنىڭغا تازىلىق قىلىدىغان خىزمەت تېپىپ بەردى، ھەر ئايدا 3000-4000 يۈەن كىرىم قىلالايتتى.

«بىر، ئىككى، ئۈچ... 28 تۇياق بوپتۇ، يەنە ئوبدان باقساقلا قوتاندىن چىقسا بولىدىكەن!» يۈ خەيلۇڭ كەنت ئاھالىسى توختى قۇرباننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قوي قوتىنىغا كىرىپ، قويلارنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. سېمىز قويلارغا قاراپ، يۈ خەيلۇڭ ناھايىتى خۇشال بولدى.   

توختى قۇرباننىڭ خوتۇنى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، 100 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلىگەنىدى، داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، قىزى داشۆدە ئوقۇغاچقا، ئائىلىسىنىڭ چىقىمى ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمى پەقەت ئۈچ مو ئۈزۈمزارلىققا قاراشلىق ئىدى. خوتۇنىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، توختى قۇربان ئۆيىدىكى قويلىرىنى سېتىپ بولۇپ، پەقەت بىر قوتانلا قالدى. يۈ خەيلۇڭ بۇنى كۆرۈپ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى، ئۇزاق ئۆتمەي، خىزمەت ئەترىتى توختى قۇربانغا سەككىز قوي ئېلىپ بەردى. خىزمەت ئەترىتى قوينى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرگەندە، توختى قۇربان كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، توختى قۇربان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئەڭ دەسلەپكى سەككىز تۇياق قويدىن ھازىرقى 28 تۇياققا تەرەققىي قىلدۇردى، ئۈچ مو ئۈزۈمزارلىقتىمۇ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. يىل بويى ئاق تاشلىنىپ قالغان تۆت مو يەرگە ئاق قوناق تېرىپ، باقمىچىلىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، كۆپ چىققان مەھسۇلاتلارنى سېتىپ كىرىم قىلدى. توختى قۇرباننىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، چېھرىدىكى تەبەسسۇم بارغانسېرى جىلۋىلەندى.

بۇ يىل 8-ئاي ئۈزۈمنى بازارغا سالىدىغان ھالقىلىق مەزگىل، ئەمما يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، باشقا جايلاردىكى سودىگەرلەر قومۇلغا كېلىپ ئۈزۈم سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۈزۈمنىڭ كۈنسېرى پىشىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ، كەنت ئاھالىلىرى تىت-تىت بولۇپ كۆز يېشى قىلىشتى، يۈ خەيلۇڭ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى.   

يۈ خەيلۇڭ ئىلگىرى خىزمەت جەريانىدا بەزى خېرىدارلار بىلەن تونۇشقانىدى، ئۇ تېلېفون دەپتىرىنى ئاختۇرۇپ، بىر-بىرلەپ تېلېفون بېرىپ چۈشەندۈرگەنىدى، قارشى تەرەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمدىن ئەنسىرەپ چىرايلىقچە رەت قىلدى. يۈز قېتىمغا يېقىن تېلېفون بېرىش ئارقىلىق، ئاخىر 14 سودىگەر ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپ تەرەپنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، 14 سودىگەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئۈزۈم سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يۈ خەيلۇڭ يەنە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ۋە ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ بەش ئەزاسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ 22 ئەزاسىنى تەشكىللەپ، ئالتە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۇلارنىڭ ئۈزۈم قاچىلىشىغا، چۈشۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

«يۈ شۇجىنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، ئۈزۈمىمىز چوقۇم سېسىپ كېتەتتى».

«بۇ يىل ئۈزۈمنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇرۇنقىدىن يۇقىرى بولدى، بۇ يۈ شۇجىنىڭ تۆھپىسى!»

...

ھەربىر رەھمەت، مەدھىيەلەشلەرنىڭ ھەممىسى يۈ خەيلۇڭنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ئىدى. يۈ خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگىلى كەلدۇق، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى