تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى بىزنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«2020 - يىلى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئارقىلىق، كىشىلەر ئارىسىدىكى چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنى ئىزاھلاپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي داستانىنى پۈتتۇق».

كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش زور جېڭى 2020 - يىلىدىكى ھەربىر كىشىنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان ئەسلىمە. يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتلىق شۇنداقلا قەتئىي ئاشۇ سۆزلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز بولۇپ، بىزنىڭ ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە تېخىمۇ ئىلھام بېرىدۇ.

تامچە كۈچتىن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەش

ئاق خالاتنى ساۋۇت قىلىش، سەمىمىي ساداقەتمەن بولۇش. چاقىلىق ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى ما جۈنخۇا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان ئاشۇ كۈنلەرنى ئىختىيارسىز ئەسلىدى. 2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇخەنگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە بىر ئايدىن كۆپرەك جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەت ۋە روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ناھايىتى ئىلھاملاندىم. ئىتتىپاقلىق كۈچ دېمەكتۇر، يۇقۇم ئالدىدا، بىز ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمنى يەڭدۇق. بۇ ئۈزۈلمەس قېرىنداشلىق مېھرى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭىلمەس كۈرەش ئىرادىسى» دېدى ما جۈنخۇا.

ھەقىقىي ئالتۇن زور جەڭ، زور سىناقتا تاۋلىنىدۇ. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، سانسىزلىغان پارتىيەلىك كادىر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ۋە تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىگە بولغان تەڭداشسىز كۈچلۈك رەھبەرلىك كۈچى جۇڭگو خەلقىنىڭ بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغان چاغدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى» ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىدى.

باش قوشۇش يىغىنى ئېچىش، تازىلىق، دېزىنفېكسىيە قىلىشنىڭ جايىدا بولغان - بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، دۇكانلارنى زىيارەت قىلىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش... 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردىلا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى چوڭ بازار تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى چوڭ بازار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەي يۈنجيەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 2020 - يىلىدىكى يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇ مەھەللە كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ «زەربىدارلار ئەترىتى» تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىنى كېچە - كۈندۈز چىڭ ساقلىدى. «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىللىق سۆزلىرى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار قىيىنچىلىق ئالدىدا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ دەرۋازىسىنى چىڭ ساقلايمىز» دېدى بەي يۈنجيەن.

ئەڭ ئالىي مەدھىيە: «ھەربىر كىشىنىڭ ھەممىسى قالتىس»

يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، قەھرىمانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ ھەممىسى قالتىس».

«بۇ بىزگە بېرىلگەن ئەڭ ئالىي مەدھىيە! يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلاندۇق، ھەربىر ئادەم ئۆزىگە، شۇنداقلا ھەممە ئادەمگە مەنسۇپ جەڭ قىلىۋاتىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى فۇرۇڭ مەھەللىسىدىكى پىدائىي ۋاڭ يۇڭ تەسىرلەنگەن ھالدا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەچۈرمىشى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئۆزى بىلەن باشقىلار، شەخس بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى كۈچلۈك ھېسسىيات ئورتاقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان.

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، 2020 - يىلىدىكى ئالدىراشچىلىق ۋە ھارغىنلىققا تەسەللى تاپقاندەك ھېسسىياتتا بولدۇم.» خۇبېيدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىن ئۈرۈمچىدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقىچە ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر 4 - بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى لى يۈەنيۈەن قوغدىنىش كىيىمىنى قانچە قېتىم كىيىپ، سالغىنىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيدۇ، لېكىن ھەربىر ئاغرىقنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققان چاغدىكى تەبەسسۇمى ھېلىھەم ئۇنىڭ ئېسىدە. «مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى خىزمەتتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى بىر يىلدا تېببىي خادىملارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەيمەن».

يۇقۇم خۇددى زور سىناققا ئوخشاش ئائىلىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، ھەربىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سىنىدى. 2020 - يىلى 10 - ئايدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، زەمىن يېزىسى ئېرىق بېشى كەنتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تۆت پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، مېۋە - كۆكتاتلارنى سېتىش، چارۋا بېقىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. «رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى قىلدى.» ئېرىق بېشى كەنتىدىكى 67 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىسمائىل سىيىت مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئالدىدا، ھەربىر كىشى كۈچ چىقىرىشى كېرەك، كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارسىلا قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتەلەيمىز.

2020 - يىلى، قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ بايلىق ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئاتلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇاۋېي بۇلۇت مۇلازىمەت سانلىق مەلۇمات مەركىزى 76 ئورۇن، 225 تۈردىكى قوللىنىشچان سۇپىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى(شىنجاڭ) بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى 1220 بۇلۇت ئاساسىي ئاپپاراتى قاتارلىق مەھسۇلاتنى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئابۇنىچىلارنى توردا خىزمەت قىلىش، يۇقۇم ئىستاتىستىكا قىلىشقا ئىشلىتىش قاتارلىقلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. «مەن بۇ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.» قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ ياڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىن كۈچكە ئېرىشىپ، ئاددىي ئىش ئورنۇمدا تىرىشىپ ئىشلەپ، «قالتىس» ئادەم بولىمەن.

توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مىللەت روھىدىن ئىپتىخارلىنىش

«رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە ئېيتقاندەك، مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزدىن پەخىرلىنىمەن، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مىللەت روھىدىن ئىپتىخارلىنىمەن!» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى تېببىي قۇرۇلۇش - تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ كەينىڭ قەلبى ھاياجانغا تولدى. «ئالىي مەكتەپنىڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۈرەش قىلىش روھىمنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ يېڭى نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ، ئۆز ئىشىمنى پۇختا، ياخشى قىلىمەن» دېدى ۋاڭ كەي.

ئۇلۇغچات ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان قىرانبېك سىدىق غەربىي رايون پىلانىغا قاتناشقان پىدائىي. «مەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە نامايان بولغان توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مىللەت روھىدىن ئىپتىخارلىنىمەن، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خىل مىللەت روھىنى ئىدىيەمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، ئاددىي ئىش ئورنۇمدا نامايان قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ياشلار بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى مىللەت روھىنىڭ تۈۋرۈكىنى تىكلەيمەن» دېدى قىرانبېك.

جىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى، بۇ يىل ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن جاڭ جياخۇي مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پىداكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلانغان ئاشۇ دوختۇر - سېسترالار بىزنىڭ يېنىمىزدىكى ئۈلگىلەر، بىر ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى بىلەن ئۆزۈمنى ئىلھاملاندۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

(مۇخبىر لى چۇنشيا، قاتناشقان مۇخبىرلار چاۋ جىن، جاۋ شىيا، سۇ لۇپىڭ، يۈشى، ۋېي خۇڭپىڭ، خەن چىنيەن، گې يوۋجۈن، جاڭ رۇيلىن، سۇڭ ۋېيگو، سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ لى، ۋاڭ سۇجۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش