تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلايلى

− يېڭى يىل بېغىشلىمىسى

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

ئاي، كۈنلەر ئۆتۈپ، كونا يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل كىردى. تارىختا يېڭى بىر بەت ئېچىلىپ، بىز يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالدۇق.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2020 - يىل ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ كەتكەن، كەسكىن خىرىس ۋە ئېغىر، زور قىيىنچىلىق تەڭ مەۋجۇت بولغان، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. غايەت زور بېسىمغا ئۇچرىغان خەتەرلىك پەيتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بۇ ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە يىلدا ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ كۈرەش قىلىش ماھارىتى تاۋلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ روھىي قىياپىتى تېخىمۇ روھلۇق، كۆتۈرەڭگۈ بولدى!

بۇ بىر يىلدا، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان يۇقۇمغا قارشى بىر مەيدان زور جەڭ ئېلىپ بېرىپ، مىسلىسىز جاپالىق تارىخىي چوڭ سىناقنى باشتىن كەچۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ياراتتۇق.

بۇ بىر يىلدا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇمنى تىزگىنلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ئىقتىدارىمىز، كۈچلۈك چىدامچانلىقىمىز ۋە كۆرۈنەرلىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىزنى نامايان قىلدۇق.

بۇ بىر يىلدا، بىز تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق غەيرىتىمىز بىلەن، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتۇق.

جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنە يېڭى چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.

بوران - چاپقۇندا ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، چوڭ جەڭدىن بۇرۇن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ قوماندانلىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تايانچى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيە بايرىقى ۋە مەنىۋى بايرىقى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىلمىي كۆرسەتمىسى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلاپ رولچى بولغاچقا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغاچقا، چوقۇم تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتالايمىز.

مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى بىزنىڭ كۈرەش قىلىش كوردىناتىمىز. 2021 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە ئالاھىدە مۇھىم خاراكتېرگە ئىگە، پارتىيەمىز ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، يۈز مىليونلىغان خەلقنى داۋاملىق ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.

بۇ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپە: «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش مەزگىلىدە، بىز 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك.

بۇ، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بېكىتىلىپ، «يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم» «يېڭى قەدەم» «يېڭى يۈكسەكلىك» «يېڭى ئىلگىرىلەش» «يېڭى سەۋىيە» «يېڭى يۈكسىلىش»نىڭ يېپيېڭى يۆگىمە رەسىمى نامايان قىلىندى، بۇ، بىزنى قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن ھېسسىيات بىلەن سىزىپ چىقىشقا چاقىردى.

بۇ، يېڭى ھەيۋەتلىك باشلىنىش: «14 - بەش يىل»نىڭ پەردىسى ئېچىلدى، بىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردۇق، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى زور ھالقىش، يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك تەسىرگە ئىگە.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تارىخىي چوڭ ۋەزىيەت، بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىز ۋە مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىمىز. يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىققاندا، بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى سەپەر شۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا تولغان بولىدۇ. بىز شۇنى تېخىمۇ چۈشىنىمىزكى، يېقىنقى زاماندىن كېيىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈرلۈك ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىكنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىغان ۋاقتى بەك ئۇزاق بولدى، باشتىن كەچۈرگەن ئازاب - ئوقۇبەتلىرى، قۇربان بېرىشلىرى بەك كۆپ بولدى، جەزمەن ئادەتتىن تاشقىرى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، ئىرادىدىن قايتماي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت شانلىق نىشانغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك!

ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، تارىخ بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت يەنىلا بىزگە پايدىلىق. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران - چاپقۇنمۇ توسۇيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلىشىمىز كېرەك.

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلاشتا، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى يېڭىشتىكى «كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ». بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يۆلەنچۈكى. مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، مۇھىم، زور سىناق ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، چوقۇم يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلاشتا، خەلققە چىڭ تايىنىش، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش كېرەك. خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ. جۇڭگو خەلقى ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادىگە ئىگە، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىدىغان كۈچ مەنبەسى. باشتىن - ئاخىر خەلقنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەڭ خەلقنىڭ قەيسەر، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادىسى ۋە قەتئىي بوشاشمايدىغان چىدامچانلىقىنى ئۇرغۇتقاندىلا، چوقۇم دەۋرنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلاشتا، سوتسىيالىزم تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئادەتتىن تاشقىرى تەشكىللەش - سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارى، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، ئىزچىللاشتۇرۇش - ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش، قىيىن ئىشلارنى قىلىش، جىددىي ئىشلارنى قىلىشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم كۈچىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولغاندىلا، چوقۇم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ئېنېرگىيەنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلاشتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتكۈل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز، قەتئىي ھالدا قىلچە تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك.» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، «بۆسۈپ ئۆتۈش» روھى، «يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىساق ۋە ئۇنى يېتەكلىسەك، چوقۇم يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلاشتا، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە زورايغان، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا دۇچ كېلىدىغان مۇھىم، زور كۈرەش ئاز بولمايدۇ، جەزمەن قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھ بىلەن باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، جاسارەتلىك بولۇپ، دادىللىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلغاندىلا، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشكە، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولساق، چوقۇم چوڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا چوڭ پۇرسەت يارىتىپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

بوران گۈركىرەپ چىقىپ، كۈچلۈك دولقۇن مەۋج ئۇردى. 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك بولۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. ۋاقىت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ! تارىخ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ! يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، رولنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تارىخ يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق كەلگۈسىنى ياراتساق، ئۇلۇغ ئارزۇنى زىممىسىگە ئالغان جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوت چوقۇم بوران - چاپقۇندىن قورقماي، دولقۇن يېرىپ ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بىز چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ ۋاقىت تارىخىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ۋاقتىنى داۋاملىق يارىتالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.