دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

يېڭى يىلنىڭ ئالدىنقى كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى يېڭى يىلنىڭ ئالدىنقى كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2021 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! 2021 - يىلىنىڭ قەدىمى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە، مەن بېيجىڭدا كۆپچىلىككە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن!

2020 - يىلى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئارقىلىق، كىشىلەر ئارىسىدىكى چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنى ئىزاھلاپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي داستانىنى پۈتتۇق. ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭگەن كۈنلەرگە، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىشتەك مەردانىلىك، قەيسەرانە تىز پۈكمەي چىڭ تۇرۇش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك تەسىرلىك ئىش ئىزلار مۇجەسسەملەندى. ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەردىن خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىگىچە، پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن مەھەللە خىزمەتچىلىرىگىچە، پىدائىيلاردىن قۇرۇلۇشچىلارغىچە، 70 ياشلىق بوۋاي - مومايلاردىن «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» ياش بىر ئەۋلادقىچە، سانسىزلىغان كىشى ھاياتى ئارقىلىق بۇرچنى ئادا قىلىشقا ئاتلىنىپ، سەمىمىي مۇھەببىتى ئارقىلىق ئاۋامنى قوغداپ، تامچە كۈچتىن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھاياتلىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى. ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىغان ھەربىر سىيما، قېرىنداشلارچە كۈچ ئۇلاشلار، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان مەنزىرىلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى جانلىق نامايان قىلدى. ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، قەھرىمانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ ھەممىسى قالتىس! بەختكە قارشى يۇقۇملىنىپ قالغان بارلىق ئاغرىقلاردىن ھال سورايمەن! بارلىق ئاددىي قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! مەن ئۇلۇغ ۋەتىنىم ۋە خەلقىمدىن پەخىرلىنىمەن، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مىللەت روھىدىن ئىپتىخارلىنىمەن!

پەقەت جاپا - مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەندە، باتۇرلۇق - قەيسەرلىك ئاندىن نامايان بولىدۇ، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. بىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. «13 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدۇق. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە مۇسبەت ئېشىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2020 - يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى پەللىگە قەدەم قويىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «ئۇدا 17 يىل مول ھوسۇل ئېلىش»تەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىگە ئېرىشتۇق. «تيەنۋېن 1 - نومۇر»، «چاڭئې 5 - نومۇر»، «فېندوۋجې» ناملىق قاتارلىق ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇردۇق. بىز يەنە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇردۇق، كەڭ ئارمىيە، خەلق خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، تىرىشىپ زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. مەن 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، كۆپچىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپتۇ، پايانسىز جۇڭگو زېمىنى ئىشەنچكە تولۇپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، چىدامچانلىققا تولۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەپتۇ.

2020 - يىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، يېڭىش ئەڭ تەس بولغان «قاتتىق قىيىنچىلىق»نى يەڭدۇق. سەككىز يىل سەرپ قىلىپ، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەركەزلىك تۇتاش 14 ئالاھىدە نامرات رايونغا باردىم، يۇرتداشلارنىڭ يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك جاسارەت بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقى، كەڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئاتلانغانلىقى دائىم كاللامدا ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. بىز يەنە قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، پۇختا، ئەستايىدىل ھالدا غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى تىرىشىپ سىزىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

بۇ يىل، بىز شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى، شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش - ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇۋاتقان نەنخەي دېڭىز ساھىلى، گۈزەل، رەڭدار خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويى كىشىنى ھاياجانلىق ھېسلارغا چۆمدۈرىدۇ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشكە ئايلاندى، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش يېڭىلىق يارىتىپ يېتەكلەشكە ئايلاندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ياراتتى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ «باھار ھېكايىسى»نى داۋاملىق يېزىش كېرەك.

ھەققانىيەت يولىدا ماڭغانلار يالغۇز قالمايدۇ، جاھاندىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىر يىلدىن بۇيانقى بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. مەن خەلقئارادىكى كونا - يېڭى دوستلار بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفونلاشتىم، كۆپ مەيدان «بۇلۇت يىغىنى»غا قاتناشتىم، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە ئەڭ كۆپ توختالدىم. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى قول تۇتۇشۇپ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، يۇقۇم تۇمانىنى بالدۇرراق تارقىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل يەر شارى يۇرت - ماكانىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. 100 يىللىق مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. شاڭخەيدىكى شىكۇمېندىن جياشىڭدىكى نەنخۇغىچە، بىر كىچىك قىزىل كېمە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى، مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جىددىي ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دەھشەتلىك دولقۇنلاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلايدىغان ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتقا ئايلاندى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى كۆڭۈلگە پۈكۈش دەل 100 يىللىق سالاپەت. بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

«ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ. يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. بىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تاغ - دەريالاردىن بېسىپ ئۆتتۇق. بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك!

مۇشۇ پەيتتە، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى، ھەممە ئائىلە جەم بولدى. يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، تاغ - دەريالارنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىككە تولۇشىنى، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى تىلەيمەن! ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، خەيرلىك بولۇشىنى، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل بولۇشىنى تىلەيمەن!

كۆپچىلىككە رەھمەت!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.